مۇھىم خەۋەرلەر

ترامپ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىدىن يېڭى تاموژنا بېجى قوشۇپ ئالىمەن دەپ تەھدىت سالدى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇردى

2025.07.08 16:21 مەنبە: خەلق تورى

7-ئاينىڭ 7-كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنى بۈگۈن يېپىلىدۇ، تۈنۈگۈن، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئامېرىكىغا قارشى سىياسەتنى يولغا قويغانلىقىنى تەنقىد قىلدى ھەمدە ئەزا دۆلەتلەردىن %10 يېڭى تاموژنا بېجى قوشۇپ ئالىمىز دەپ تەھدىت سالدى، جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

ماۋ نىڭ مۇنداق بىلدۈردى: كېسەك ئالتۇن مېخانىزمى يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم سۇپىسى بولۇپ، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش، لاگېرلار قارشىلىشىشنى قەتئىي توسۇش، ھەرقانداق دۆلەتكە قاراتماسلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ. تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىش توغرىسىدا، جۇڭگو تەرەپ مەيدانىنى كۆپ قېتىم بايان قىلدى، سودا ئۇرۇشى، تاموژنا بېجى ئۇرۇشىدا يەڭگۈچى يوق، قورۇقچىلىقنىڭ چىقىش يولى يوق.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ