مۇھىم خەۋەرلەر

ئىران زۇڭتۇڭى: ئىسرائىلىيە مېنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇندى، ئامېرىكا ئەمەس

2025.07.08 16:18 مەنبە: خەلق تورى

ئەنگلىيە «مۇھاپىزەت گېزىتى»نىڭ 7-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىران زۇڭتۇڭى پېزېشكىيان يېقىندا ئىسرائىلىيەنىڭ ئىلگىرى ئۇ يىغىن ئېچىۋاتقان رايوننى بومباردىمان قىلىپ ئۇنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«ئۇلار ھەقىقەتەن شۇنداق قىلىشقا ئۇرۇندى، بىراق ئۇلار مەغلۇپ بولدى.» پېزېشكىيان ئامېرىكا تاراتقۇ خادىمى تاك كارلسوننىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇنى قەستلەپ ئۆلتۈرمەكچى بولغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«مېنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشنى پىلانلىغىنى ئامېرىكا ئەمەس، بەلكى ئىسرائىلىيە. شۇ چاغدا مەن يىغىن ئېچىۋاتقانىدىم، ئۇلار بىز يىغىن ئېچىۋاتقان رايوننى بومباردىمان قىلىشقا ئۇرۇندى» دېدى، لېكىن ئۇ بۇ ۋەقەنىڭ يېقىنقى توقۇنۇش مەزگىلىدە يۈز بەرگەن-بەرمىگەنلىكىنى كونكرېت چۈشەندۈرمىدى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ