جۇڭگونىڭ لوس ئانژېلېستا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە ۋاقتىنچە جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ تاغ ئوت ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدا دوكلات يوق.
جۇڭگونىڭ لوس ئانژېلېستا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، جەنۇبىي كالىفورنىيە رايونىدىكى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ تاغ ئوت ئاپىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ياخشى ئىشلەپ، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتنىڭ تارقاقلاشتۇرۇش بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ، بىخەتەرلىك ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بۇلاڭچىلىق ياكى ئوغرىلىق قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، جىسمانىي ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى ئەسكەرتتى.
ئامېرىكا لوس ئانژېلېس ناھىيەلىك قانۇن دوختۇرى ئىشخانىسى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى كەچتە ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، لوس ئانژېلىس رايونىدىكى تاغ ئوت ئاپىتىدە 16 ئادەم تالاپەتكە ئۇچرىغان.
مەنبە: خەلق تورى