شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ 9 - قېتىملىق مەملىكەتلىك ئەزالار قۇرۇلتىيىغا ئەۋەتكەن خېتى
جۇڭگو قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ 9 - قېتىملىق مەملىكەتلىك ئەزالار قۇرۇلتىيى ئېچىلىش پەيتىدە، مەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ قانۇنشۇناسلىق، قانۇن خىزمەتچىلىرىگە سالام يوللايمەن!
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتى كەڭ قانۇنشۇناسلىق، قانۇن خىزمەتچىلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ نۇرغۇن خىزمەت ئىشلەپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.
يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، ھەر دەرىجىلىك قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتى يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، قانۇنشۇناسلىق تەتقىقاتىنى يۈكسەلدۈرۈش، قانۇنچىللىق ئەمەلىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش، قانۇنچىللىق تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش، قانۇنچىللىق ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك. كەڭ قانۇنشۇناسلىق، قانۇن خىزمەتچىلىرى قانۇن ئىدارە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ قانۇن بويىچە، نىزامنامە بويىچە خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىنى كۈچلۈك مەدەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.
شى جىنپىڭ
2025 - يىلى 1 - ئاينىڭ 10 - كۈنى
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى)
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ 9 - قېتىملىق مەملىكەتلىك ئەزالار قۇرۇلتىيى ئېچىلىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قۇرۇلتايغا خەت ئەۋەتىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ قانۇنشۇناسلىق، قانۇن خىزمەتچىلىرىگە سالام يوللىدى ھەم قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە قارىتا ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
شى جىنپىڭ خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتى كەڭ قانۇنشۇناسلىق، قانۇن خىزمەتچىلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ نۇرغۇن خىزمەت ئىشلەپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، ھەر دەرىجىلىك قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتى يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، قانۇنشۇناسلىق تەتقىقاتىنى يۈكسەلدۈرۈش، قانۇنچىللىق ئەمەلىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش، قانۇنچىللىق تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش، قانۇنچىللىق ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك. كەڭ قانۇنشۇناسلىق، قانۇن خىزمەتچىلىرى قانۇن ئىدارە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ قانۇن بويىچە، نىزامنامە بويىچە خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىنى كۈچلۈك مەدەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.
جۇڭگو قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ 9 - قېتىملىق مەملىكەتلىك ئەزالار قۇرۇلتىيى 1 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئېچىلدى، يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ خېتى يەتكۈزۈلدى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن ۋېنچىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھەر دەرىجىلىك قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئىنتىزام ۋە ئىستىلنى چىڭىتىپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىسلاھ قىلىپ ئىلگىرىلەپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشى كېرەك. كەڭ قانۇنشۇناسلىق، قانۇن خىزمەتچىلىرىنىڭ شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي يۆنىلىشنى مەھكەم ئىگىلەپ، قانۇن ئىدارە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، قانۇنشۇناسلىق تەتقىقاتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، قانۇننى ئىلمىي چىقىرىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا رىئايە قىلىشنى چۆرىدەپ خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ۋاڭ شياۋخۇڭ، جاڭ چىڭۋېي، جاڭ جۈن، يىڭ يۇڭ، خې باۋشياڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
8 - نۆۋەتلىك جۇڭگو قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى ۋاڭ چېن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم 8 - نۆۋەتلىك كېڭەشكە ۋاكالىتەن خىزمەت دوكلاتى بەردى.
يىغىندا مەملىكەتلىك قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتى سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەر تەقدىرلەندى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، جۇڭگو قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ 9 - قېتىملىق مەملىكەتلىك ئەزالار قۇرۇلتىيىنىڭ بارلىق ۋەكىللىرى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.