شى جىنپىڭ جاۋاب خەت قايتۇرۇپ دۆلەت جىڭجۈ تىياتىرخانىسىدىكى ياش سەنئەت خىزمەتچىلىرىنى ئىلھاملاندۇردى

​ئەخلاقنى ئۇلۇغلاپ سەنئەت قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، جىڭجۈ تىياتىرى سەنئىتىنىڭ دەۋر نۇرىنى سىجىل جۇلالاندۇرۇش كېرەك

2025.01.13 15:17 مەنبە: خەلق تورى

جاۋاب خەت

دۆلەت جىڭجۈ تىياتىرخانىسىدىكى ياش سەنئەت خىزمەتچىلىرى:

خېتىڭلارنى تاپشۇرۇۋېلىپ مەزمۇنىدىن خەۋەردار بولدۇم. دۆلەت جىڭجۈ تىياتىرخانىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە، سىلەر ۋە بارلىق ئارتىس - خىزمەتچىلەرنى تەبرىكلەيمەن ھەم سىلەرگە سالام يوللايمەن.

دۆلەت جىڭجۈ تىياتىرخانىسى قۇرۇلغاندىن بۇيان، پارتىيەنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت فاڭجېن - سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، نۇرغۇن نادىر تىياتىر نومۇرلىرىنى ئىجاد قىلدى ۋە تەييارلىدى، كۆپلىگەن مۇنەۋۋەر سەنئەت ئىختىساسلىقلىرى بارلىققا كېلىپ، جۇڭخۇا شىچۈ تىياتىرى گۈلزارلىقىغا يارقىن تۈس قوشتى. يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، سىلەرنىڭ پېشقەدەم داڭلىق سەنئەتكارلارنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، سەنئەتنى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئەخلاقنى ئۇلۇغلاپ سەنئەت قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، جىڭجۈ تىياتىرى سەنئىتىنىڭ دەۋر نۇرىنى سىجىل جۇلالاندۇرۇپ، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈش، مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ

2025 - يىلى 1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ دۆلەت جىڭجۈ تىياتىرخانىسىدىكى ياش سەنئەت خىزمەتچىلىرىگە جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، دۆلەت جىڭجۈ تىياتىرخانىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە، بارلىق ئارتىس - خىزمەتچىلەرنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا سالام يوللىدى.

شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېدى: دۆلەت جىڭجۈ تىياتىرخانىسى قۇرۇلغاندىن بۇيان، پارتىيەنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت فاڭجېن - سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، نۇرغۇن نادىر تىياتىر نومۇرلىرىنى ئىجاد قىلدى ۋە تەييارلىدى، كۆپلىگەن مۇنەۋۋەر سەنئەت ئىختىساسلىقلىرى بارلىققا كېلىپ، جۇڭخۇا شىچۈ تىياتىرى گۈلزارلىقىغا يارقىن تۈس قوشتى. يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، سىلەرنىڭ پېشقەدەم داڭلىق سەنئەتكارلارنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، سەنئەتنى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئەخلاقنى ئۇلۇغلاپ سەنئەت قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، جىڭجۈ تىياتىرى سەنئىتىنىڭ دەۋر نۇرىنى سىجىل جۇلالاندۇرۇپ، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈش، مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

دۆلەت جىڭجۈ تىياتىرخانىسى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىغا بىۋاسىتە قاراشلىق دۆلەتلىك سەنئەت ئۆمىكى، ئاساسى 1955 - يىلى 1 - ئايدا قۇرۇلغان جۇڭگو جىڭجۈ تىياتىرخانىسى بولۇپ، مېي لەنفاڭ تىياتىرخانىنىڭ تۇنجى باشلىقى بولغان، 2007 - يىلى نامى دۆلەت جىڭجۈ تىياتىرخانىسىغا ئۆزگەرتىلگەن. يېقىندا، دۆلەت جىڭجۈ تىياتىرخانىسىدىكى بارلىق ياش سەنئەت خىزمەتچىلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، جىڭجۈ تىياتىرى سەنئىتىگە ۋارىسلىق قىلىشقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى دوكلات قىلىپ، جىڭجۈ تىياتىرى ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى بىلدۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ