شۇ جاي ۋاقتى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتى لوس ئانژېلېس ناھىيەلىك ساقچى تەرەپ مۇنداق بىلدۈردى: لوس ئانژېلىستىكى تاغ ئوت ئوت ئاپىتى مەزگىلىدە قولغا ئېلىنغان ئومۇمىي ئادەم سانى 29غا كۆپەيدى. قولغا ئېلىشنىڭ سەۋەبى كېچىدە يۈرۈشنى مەنئىي قىلىشقا خىلاپلىق قىلىش، قورال-ياراغ ۋە زەھەرنى يوشۇرۇن ئېلىپ يۈرۈشكە ئالاقىدار ئەيىبلەشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ ئۆيلەرگە كىرىپ چىققانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىندى.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى خارىسنىڭ پالىسادېدىكى ئوت ئاپىتىدىن تارقاقلاشتۇرۇش رايونىغا جايلاشقان تۇرالغۇسىنىڭ ئەتراپىدا ئىككى ئادەم 11-كۈنى كېچىدە يۈرۈشنى مەنئى قىلىشقا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان.
مەنبە: خەلق تورى