مۇخبىرىمىز خې يۇڭ، چياۋ دۇڭ
بۇ بىر پارچە قىزىقارلىق رەسىم: كۆپكۆك ئاسمان، ئاپئاق بۇلۇت شۇنچىلىك گۈزەل كۆرۈنەتتى، ئات مىنىۋالغان بالا قارلىق تاغ باغرىدا مال بېقىۋاتاتتى، كۆرۈنۈشنىڭ ئوڭ تەرىپىدە تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ قوتاز توپىغا ئەگىشىپ يىراقلاپ كېتىۋاتاتتى؛ زاڭزۇ ئاممىسى ئۆيىدە يۇمىلاق ئولتۇرۇپ زامبا يېگەچ تېلېۋىزور كۆرۈۋاتاتتى.
بۇ يىل 6-ئاينىڭ 18-كۈنى، چىڭخەي شىنىڭدا، شاڭخەي ياردەم بېرىپ قۇرغان گولوشى مىللەتلەر ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ يورۇق دەرسخانىسىدا، تولۇق ئوتتۇرا 1-يىللىق 1-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى نىدۇڭلاماۋ بۇ رەسىمنى كۆتۈرۈپ، تەكشۈرۈشكە كەلگەن باش شۇجى شى جىنپىڭغا يۇرتىنىڭ ھازىرقى ۋە ئۆتمۈشتىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلىرىنى سۆزلەپ بەردى.
«مەن ئەينى چاغدا، مېنىڭ يۇرتۇم گولو زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ بەنما ناھىيەسىدە. ئات مىنىپ چارۋا باقاتتۇق، كېيىن موتوسىكلىت مىنىپ چارۋا باقىدىغان بولدۇق، ھازىر بەزى كىشىلەر تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ئىشلىتىپ چارۋا باقىدىغان بولدى، مېنىڭ يۇرتۇم تېخىمۇ زامانىۋىلاشتى» دېگەن ئىدىم. شۇ كۈننى ئەسلىگىنىدە نىدۇڭلاماۋ يەنىلا ھاياجانلاندى.
چىڭخەي، گەنسۇ، سىچۈەندىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلكە تۇتىشىدىغان، دادۇخې دەرياسىنىڭ مەنبەسىگە جايلاشقان بەنما ناھىيەسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 4000 مېتىر كېلىدۇ. يېقىندا، بىز بەنما ناھىيەسىنىڭ جياڭرىتاڭ يېزىسىغا بېرىپ، نىدۇڭلاماۋنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولدۇق.
سەھەردىلا، قۇياش نۇرى پۈتۈن دالىغا چۈشۈپ، بۇلۇت ۋە تۇمان تاغ ئارىسىغا چېچىلدى. يېڭىدىن ياسالغان يولنى بويلاپ ئاپتوموبىل ھەيدەپ تاغ قاپتىلىغا چىقتۇق، ئاپتوموبىل دېرىزىسىدىن يىراقتىكى چارۋىچىلىق ئۆيىدىن چىققان ئىس-تۈتەكلەر تولغىنىپ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈۋاتاتتى. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە نىدۇڭلاماۋ تاغىنىڭ «يازلىق تۇرالغۇسى» غا (چارۋىچىلارنىڭ يازلىق ئوتلاقتىكى مۇقىم تۇرالغۇسى) يېتىپ كەلدۇق.
تاغىمىزنىڭ ئىسمى شياڭچيۇ بولۇپ، بىر ئائىلىنىڭ قوتازلىرىنى كوللېكتىپ بېقىشقا مەسئۇل ئىكەن. بۇ چاغدا شياڭچيۇ خوتۇنى بىلەن قوتاز بېقىش بىلەن ئالدىراش ئىدى، ئاكا-ئۇكا ئۈچىنىڭ جەمئىي 50 نەچچە قوتىزى بولۇپ، يازدا ئوتلاقلىق تاغدىكى ئېگىز جايدا چارۋا باقىدىكەن.
تۇرۇش ۋاقتى قىسقا بولغاچقا، «يازلىق تۇرالغۇ»غا ئادەتتە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلمەيدىكەن. لېكىن تەخمىنەن 100 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان «يازلىق تۇرالغۇ»دا توڭلاتقۇ قاتارلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى تولۇق بولۇپ، زاڭزۇ گىلىمى دېرىزىنىڭ بىر تەرىپىگە سېلىنغان، كىچىك ئۈستەلگە ئىچىملىك، سۈت كەمپۈتى قويۇلغان بولۇپ، قايناۋاتقان قازاندىن بەسەي بىلەن كالا گۆشىنىڭ مەززىلىك پۇراق چىقىپ تۇراتتى.
«ھەممىسىنى ناھىيە بازىرىدىن سېتىۋالغان. ھازىر يول ياخشىلاندى، شەھەرگە بېرىشقا يېرىم سائەتلا ۋاقىت كېتىدۇ، يېڭى كۆكتات، مودا تاۋارلارنىڭ ھەممىسىنى سېتىۋالغىلى بولىدۇ. تاغقا چىقىدىغان بۇ يول بۇ يىل ئەمدىلا ياسىلىپ تۇتاشتۇرۇلدى، پىكاپىمىز بىۋاسىتە يازلىق تۇرالغۇنىڭ ئالدىغا بارالايدىغان بولدى، بۇنى يول ياساشتىن بۇرۇنقىغا قارىغاندا تەخمىنەن ئۈچ سائەت ۋاقىت تېجەپ قالغىلى بولىدۇ، ناھىيەدە يەنە تىرىك چارۋا سودا مەركىزى قۇرۇلدى، كالا سېتىشىمىز تېخىمۇ قولايلاشتى، باھاسىمۇ تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولدى» دېدى شياڭچيۇ.
چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدىن ئاشقاندا، گۈدۈك ئاۋازى ياڭرىدى، «كەلدى» شياڭچيۇ ۋە ئورنىدىن تۇرۇپ، ئالدىغا چىقىپ ئاكىسى ئېتىنى كۈتۈۋالدى. ئېتى نىدۇڭلاماۋنىڭ دادىسى بولۇپ، موتوسىكلىت مىنىپ تاغنى چارلاپ بۇ يەرگە كەلگەن ئىكەن.
ئىلگىرى ئېتىمۇ چارۋا بېقىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتىكەن. توققۇز يىل ئىلگىرى، ئۇ قامچىسىنى تاشلاپ، ئون نەچچە قوتازنى مەركەزلىك باشقۇرۇشقا تاپشۇرۇپ بېرىپ، تولۇق ۋەزىپىلىك ئېكولوگىيە چارلىغۇچىسى بوپتۇ، بۇنىڭغا باشقا ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك كىرىملىرى قوشۇلسا، ھەر يىلى 70 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپالايدىكەن.
مۇشۇ كۈنلەردە شياڭچيۇ تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ئىشلىتىشنى ئۆگىنىۋېتىپتۇ. قوتازنى «غوڭۇلدىغان»ئاۋاز بىلەن تەڭ تاغدىن ھەيدىگىلى بولىدىكەن. «بەك قولايلىق، بۇندىن كېيىن موتوسىكىلىت مىنىپ تاغقا چىقمايدىغان بولدۇق» دېدى شياڭچيۇ.
يازدىكى قۇياش نۇرىدا ئۇلارنىڭ سايىسى ناھايىتى ئېگىز كۆرۈنەتتى. ئېگىزلىكتە ئوت-چۆپلەر بۇلۇق ئۆسكەن، قوتازلار بەكلا سەمىرگەن ئىدى...