
7-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر-يېزا پىلانلاش ئىدارىسى ئۈندىدار سالونىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى خىزمەت لايىھەسىگە ئاساسەن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك يېزا-بازار پىلانلاش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ فۇنكسىيەسىنىڭ ھەممىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەبىئىي بايلىق ئىدارىسىگە ئاجرىتىپ بېرىلىپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر-يېزا پىلانلاش-باشقۇرۇش ئىدارىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. ئەسلىدىكى ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر-يېزا پىلانلاش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىش بېجىرىش ئورنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەبىئىي بايلىق ئىدارىسى ئىشخانا بىناسى (تيانشان رايونى دۇڭمېن كوچا باشقارمىسى شوربۇلاق كوچىسى 1-نومۇر) غا كۆچۈرۈلگەن.
يىرىك پىلان قۇرۇلۇش لايىھەسىنى تەكشۈرۈش، قۇرۇلۇش يىرىك پىلانى ئىجازىتى، قۇرۇلۇش تۈرىدە قۇرۇلۇش تاماملاش يىرىك پىلانىنى ئېتىراپ قىلىش قاتارلىق يىرىك پىلانغا ئالاقىدار كەسىپلەر يەنىلا يىمىن سارىيى 3-قەۋەت B49-نومۇرلۇق ئۇنىۋېرسال كۆزنەكتە قوبۇل قىلىنىدۇ.
كارخانا، ئامما كەسىپ بېجىرىشكە جىددىي ئېھتىياجلىق بولسا، ئالدىن مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ.
ئالاقىلىشىش تېلېفونى: 4628778، 4184307-0991
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ