شى جىنپىڭ قازاقىستان تاراتقۇلىرىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى

​بىر مەقسەتتە ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو - قازاقىستان مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتەيلى

2024.07.04 10:16 مەنبە: خەلق تورى

7 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئاستانىغا بېرىپ قازاقىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش پەيتىدە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ «قازاقىستان ھەقىقەت گېزىتى»، قازاقىستان خەلقئارا ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا «بىر مەقسەتتە ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو - قازاقىستان مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتەيلى» دېگەن تېمىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

بىر مەقسەتتە ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو - قازاقىستان مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتەيلى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

يازنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، بارلىق شەيئىلەر گۈللەپ ياشنىغانىدى. ھاياتىي كۈچكە تولغان بۇ گۈزەل مەزگىلدە، زۇڭتۇڭ توقايېفنىڭ تەكلىپى بويىچە، مەن پات ئارىدا قازاقىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىمەن ھەم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىمەن. بۇ مېنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى بولغاندىن بۇيان، بەشىنچى قېتىم بۇ جەلپ قىلىش كۈچىگە تولغان زېمىنغا زىيارەتكە كېلىشىم. قازاقىستاننىڭ پارلاق، ئۆزگىچە مەدەنىيىتى، بىپايان، ھەيۋەتلىك گۈزەل مەنزىرىسى، سەمىمىي، مېھماندوست خەلقى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. مەن بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق، قازاقىستاننىڭ يېڭى تەرەققىياتى، يېڭى ئۆزگىرىشىنى بىۋاسىتە ھېس قىلىپ، زۇڭتۇڭ توقايېف بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىق مۇھىم ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭىشىپ، جۇڭگو - قازاقىستان مۇناسىۋىتى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىيات يېڭى ئۇلۇغۋار پىلانىنى قول تۇتۇشۇپ تۈزۈپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

2000 نەچچە يىل ئىلگىرى، جاڭ چيەن پەرمان بويىچە غەربىي يۇرتقا بېرىپ، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ دوستانە ئالاقىلىشىش دەرۋازىسىنى ئاچقان. قەدىمىي يىپەك يولى بىز ئىككى ئۇلۇغ مىللەتنىڭ دوستانە ئالاقىلىشىشى ۋە ئالماشتۇرۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىغا تۈرتكە بولدى. 80 نەچچە يىل ئىلگىرى، جۇڭگولۇق، قازاقىستانلىق ئىككى مۇزىكانت شيەن شىڭخەي بىلەن بايقاداموف ئالمۇتادا تونۇشۇپ، سىردىشىپ، دۆلەت چېگراسىدىن ھالقىغان قېرىنداشلارچە دوستلۇق ئورناتتى. 32 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو قازاقىستاننىڭ مۇستەقىل بولغانلىقىنى ئەڭ بالدۇر ئېتىراپ قىلغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى قايتىدىن يەلكەن چىقىرىپ يولغا چىقتى. جۇڭگو - قازاقىستاننىڭ دوستانە ئالاقىلىشىش تارىخى شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى تارىخىي چوڭ يۈزلىنىشكە ئۇيغۇن، دەۋر ئېقىمىغا ماسلاشقان.

11 يىل ئىلگىرى، مەن قازاقىستاندا تۇنجى قېتىم «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى» تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغىنىمدا، قازاقىستان جەمئىيىتىدىكى ھەرساھە ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇرغانىدى. ئىككى دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ئۇلۇغۋار يۆگىمە رەسىمى شۇنىڭ بىلەن ئېچىلىپ، جۇڭگو - قازاقىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى يېڭى باسقۇچقا كىردى.

بىز ئۆزئارا قوللاپ، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنىڭ يېڭى يۈكسەكلىكىنى ياراتتۇق. جۇڭگو - قازاقىستان مۇناسىۋىتى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىقتىن مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىققا يۈكسىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى ھەم ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتىدىغان، بىر - بىرىگە يۈكسەك ئىشىنىدىغان، بەخت - سائادەتتىمۇ، جەبىر - جاپادىمۇ بىللە بولىدىغان جۇڭگو - قازاقىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئارزۇسىنى ھاسىل قىلدى. ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە باشتىن - ئاخىر بىر - بىرىنى قەتئىي قوللىدى، باشتىن - ئاخىر بىر - بىرىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۆز ئالدىغا تاللىغان تەرەققىيات يولىغا ھۆرمەت قىلدى. كەلكۈن، يۇقۇم قاتارلىق ئاپەتلەرگە دۇچ كەلگەندە ئۆزئارا ياردەم قولىنى سۇنۇپ، زور كۈچ بىلەن ياردەم قىلىپ، باشتىن - ئاخىر بىر - بىرىنىڭ ئىشىنىشكە، تايىنىشقا بولىدىغان كۈچلۈك ئارقا تىرىكى بولدى. بۇ خىل يىمىرىلمەس ئىشەنچ ۋە قوللاش ئىنتايىن قىممەتلىك بولۇپ، جۇڭگو - قازاقىستان ھەمكارلىقىنىڭ ئەڭ چوڭ سىياسىي كاپالىتى بولۇپ قالدى.

بىز ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىپ، ماس تەرەققىي قىلىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقتا يېڭى ياخشى نەتىجىلەرنى ياراتتۇق. بۇلتۇر، جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسىدا رېكورت يارىتىلىپ 41 مىليارد دوللارغا يەتتى. جۇڭگو قازاقىستاننىڭ 1 - چوڭ سودا ھەمراھ دۆلىتى، 1 - چوڭ ئېكسپورت مەنزىلگاھ دۆلىتىگە ئايلاندى. جاناتاس شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسى، تۇرگۇسۇن سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى، چىمكەنت تاۋلاش زاۋۇتىنى زامانىۋىلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش قاتارلىق زور ئىستراتېگىيەلىك تۈرلەر ئوڭۇشلۇق پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، جۇڭگو - قازاقىستان خام نېفىت تۇرۇبىسى، تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى بىخەتەر، مۇقىم يۈرۈشتى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېز سۈرئەتتە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش «يېشىل يولى»نىڭ تولۇق قاپلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى، قازاقىستاننىڭ بارغانسېرى كۆپ ئەلا سۈپەتلىك يېشىل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى جۇڭگودىكى مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرگە كىردى. ئىككى دۆلەتنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە، قاتناش ئۇل ئەسلىھەسى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلدى، شىئەن قۇرۇقلۇق پورتى پىرىستانى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، «قوش غەرب تاشيولى»، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىز قاتنىشى راۋانلىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشتى.

بىز ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنىڭ يېڭى يۇقىرى دولقۇنىنى قوزغىدۇق. جۇڭگو بىلەن قازاقىستان ئۆزئارا مەدەنىيەت مەركىزى تەسىس قىلىش كېلىشىمىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىمزالاپ، تۇنجى قېتىم «مۇزىكانت» ناملىق كىنونى بىرلىكتە سۈرەتكە ئالدى. جۇڭگودىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ قازاقىستاندىكى شۆبە مەكتىپى، لۇبەن ھۈنەرخانىسى، جۇڭگو ئەنئەنىۋى تېبابەت مەركىزى قاتارلىق ئادىمىيەت جەھەتتىكى ھەمكارلىق تۈرلىرى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلدى، بار بولۇشتىن ئەلالاشتى. ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش ئىككى دۆلەت خەلق ئاممىسىنىڭ خۇددى تۇغقان يوقلىغاندەك دائىم بېرىش - كېلىش قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى، بۇلتۇر ئىككى دۆلەت كىشىلىرى 600 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېقىن بېرىش - كېلىش قىلغانىدى، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ ئېيىدا 200 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى، يەنە يېڭى سەۋىيە يارىتىلىشتىن ئۈمىد بار. يەرلىكلەر ئارا ھەمكارلىق جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، دوست ئۆلكە، ئوبلاست، شەھەر 26 جۈپكە كۆپەيدى. جۇڭگولۇق ئاغرىقلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە ھۆرمىتىگە ۋە قەدىرلىشىگە ئېرىشكەن كۆز كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى كاپېرابېكوف، «مۈشۈكئېيىق پالۋان» دېگەن گۈزەل نامى بار قان تەقدىم قىلىش پىدائىيسى رۇسلان، پۈتۈن مەملىكەتتە ئالقىشلانغان قازاقىستانلىق ناخشىچى دىماش قاتارلىقلار يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - قازاقىستان دوستلۇقىنىڭ ئەلچىلىرىگە ئايلاندى.

بىز ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، خىرىسقا ئورتاق يۈزلىنىپ، خەلقئارا ھەمكارلىقتا يېڭى ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردۇق. جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى مەيدانى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ھەر ئىككىلىسى ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان خەۋپسىزلىك قارىشىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ھەر ئىككىلىسى دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، يەرشارىۋى تەرەققىياتنىڭ تۆھپىكارى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇشقا كۈچ چىقىرىدۇ. بىز جۇڭگو - ئوتتۇرا ئاسىيا مېخانىزمىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى يىغىنى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك تەشكىلات ۋە رامكا ئىچىدە زىچ ھەمكارلىشىپ ۋە ماسلىشىپ، بىر - بىرىمىزنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىجابىي خەلقئارا ھەمكارلىق تەشەببۇسىنى پائال قوللاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق ئىستراتېگىيەسى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدىدۇق.

كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، جۇڭگو - قازاقىستان ھەمكارلىقىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق، مۇقەررەركى يەنە زور نەتىجىلەرنى ياراتقىلى بولىدۇ. مەن بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق، زۇڭتۇڭ توقايېف بىلەن بىرلىكتە ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - قازاقىستان مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدا يېڭى ئورۇنلاشتۇرما، يېڭى پىلان تۈزۈپ، جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

بىرىنچى، ئۆزئارا قوللايدىغان سىياسىي ئەنئەنىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. «دوست تۇتساڭ لەۋزىڭدە تۇر.» جۇڭگو تەرەپ قازاقىستان تەرەپ بىلەن داۋاملىق سەمىمىي مۇئامىلىدە بولۇپ، ئىشىنىش ئاساسىدا ئۆزئارا ئالاقە قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە بىر - بىرىنى قەتئىي قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ قازاقىستان تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللايدۇ، قازاقىستان تەرەپنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قوللايدۇ، قازاقىستان تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى نەزەردە تۇتۇپ قوللانغان تۈرلۈك ئىچكى - تاشقى سىياسەتلىرىنى قوللايدۇ، ھەرقانداق تاشقى كۈچنىڭ قازاقىستاننىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىدۇ. بىز ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئىناق قوشنا بولۇپ دوستانە ئۆتۈش، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىشتىن ئىبارەت بۇ تۆت ھەمكارلىق ئەڭگۈشتىرىگە ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو - قازاقىستان مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

ئىككىنچى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئالىدىغان ھەمكارلىق ئەڭگۈشتىرىدىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك. جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكى ئوخشىمايدۇ، ئىقتىسادىي كەسىپلىرى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، ئۆزئارا تولۇقلاش ئەۋزەللىكى روشەن، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى زور. جۇڭگو تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنى «ئادىل قازاقىستان» ئىقتىسادىي سىياسىتى بىلەن چوڭقۇر ئۇدۇللاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، قازاقىستان تەرەپكە جۇڭگونىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازىرىنى يەنىمۇ ئېچىۋېتىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈشنى خالايدۇ. بىز ئىقتىساد - سودا، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، سېلىنما، ئېنېرگىيە - قېزىلما بايلىق، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ئەنئەنىۋى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پورتلارنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك يۈرۈشۈشى ۋە كاسپىي دېڭىز ھالقىغان خەلقئارا تىرانسپورت كارىدورى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىستېرېئولۇق، كۆپ مەنبەلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز كېرەك. يېڭى ئېنېرگىيە، رەقەملىك ئىقتىساد، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا، ئاۋىياتسىيە، ئالەم قاتنىشى قاتارلىق يۇقىرى تېخنىكا ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قېزىپ، قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى بەرپا قىلىپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىغا تېخىمۇ كۆپ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشۇشىمىز كېرەك.

ئۈچىنچى، ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈشنىڭ خەلق رايى ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. جۇڭگو - قازاقىستان دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئارزۇسى، خەلق رايىنىڭ تەقەززاسى. بىز بۇ دوستلۇق رىشتىگە ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى مول مەزمۇنلۇق ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى، ئۆزئارا يېقىن ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. لۇبەن ھۈنەرخانىسى، كۇڭزى شۆيۈەنى، غەربىي شىمال سانائەت داشۆسى قازاقىستان شۆبە مەكتىپىنى ئورتاق ياخشى باشقۇرۇپ، جۇڭگو - قازاقىستان دوستلۇق ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىزباسارىنى يېتىشتۈرۈشىمىز كېرەك. ئىككى دۆلەتنىڭ ئالىي مەكتەپ، ئاقىللار ئامبىرى، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرىنىڭ بىرلىشىپ مەكتەپ باشقۇرۇش، ھەمكارلىشىپ پەن تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇشىنى قارشى ئالىمىز، ئىككى دۆلەت جەمئىيىتىدىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى قوللايمىز، ئىككى دۆلەتنىڭ تېخىمۇ كۆپ يەرلىك ئۆلكە، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ دوستلۇق ئورنىتىشىغا ئىلھام بېرىمىز، مائارىپ، ساياھەت، ئارخېئولوگىيە، سەنئەت، تاراتقۇ قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلۇقى ۋە كەڭلىكىنى كېڭەيتىمىز.

تۆتىنچى، تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتقان 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىش كېرەك. دۇنيا ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش، قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتتى، جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ھەر تەرەپلىمە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى ھەم يېڭى تەھدىت، يېڭى خىرىسقا دۇچ كەلدى، ھەم يېڭى پۇرسەت، يېڭى بوشلۇقنى كۈتۈۋالدى. جۇڭگولۇقلار كىرىزىس بىلەن پۇرسەت ھەمىشە تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، كىرىزىس ئىچىدە پۇرسەت بولىدۇ، كىرىزىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ، دەيدۇ. جۇڭگو تەرەپ قازاقىستان تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشى، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى، تارىخنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، كىرىزىس ئىچىدە يېڭى پۇرسەت يېتىلدۈرۈپ، ئۆزگىرىش ئىچىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېمىنى ۋە خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قەتئىي قوغداپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، زومىگەرلىك، زوراۋانلىق سىياسىيسىغا، لاگېرلار ئارا قارشىلىشىشقا قارشى تۇرۇپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشقا تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ ۋە مۇقىملىق قوشۇپ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو - قازاقىستان تۆھپىسىنى قوشۇشنى خالايدۇ.

مېنىڭ بۇ قېتىم قازاقىستاندىكى يەنە بىر مۇھىم كۈنتەرتىپىم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش. قازاقىستان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغاندىن بۇيان، نۇرغۇن قالتىس ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ تەسىر كۈچىنى كېڭەيتتى، جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا يۈكسەك باھا بېرىدۇ. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، ئاستانا باشلىقلار يىغىنىنىڭ چوقۇم تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چوڭ ئائىلىسىنى يەنىمۇ ئۇيۇشتۇرۇپ، تەشكىلات ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

جۇڭگودا قەدىمدىن تارتىپ «يۇقىرى - تۆۋەن ھەمنەپەس بولغاندا غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولغانلار غەلىبە قىلىدۇ» دېگەن گەپ بار. قازاق مىللىتىدە: «ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە» دېگەن گەپ بار. جۇڭگو تەرەپ قازاقىستان تەرەپ بىلەن دۆلەتنى روناق تاپقۇزۇش، گۈللەندۈرۈش مۇساپىسىدە قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ، جۇڭگو - قازاقىستان دوستلۇقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ