7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سامانسا موستيىنگە تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ئاۋسترالىيەنىڭ باش ۋالىيلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئاۋسترالىيە بىر - بىرىنىڭ مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھى، ھەرئىككىلىسى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ مۇھىم ئەزاسى ۋە دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىش مۇساپىسىدىكى مۇھىم كۈچ. ساغلام، مۇقىم، تەرەققىي قىلغان جۇڭگو - ئاۋسترالىيە مۇناسىۋىتى ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۈپ ۋە ئۇزاق مەزگىللىك مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، شۇنداقلا رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنىچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتى، گۈللىنىشىگە پايدىلىق. مەن جۇڭگو - ئاۋسترالىيە مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، ئاۋسترالىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىش، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش پىرىنسىپى بويىچە، تېخىمۇ پىشىپ يېتىلگەن، مۇقىم بولغان، تېخىمۇ مول نەتىجىلىك جۇڭگو - ئاۋسترالىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.