جۇڭگو مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ئىشلىگەن «يېقىشلىق <سۆز>لەر − شى جىنپىڭ ياقتۇرغان ئۆرنەكلەر»نىڭ 3 - بۆلۈمى (قازاق تىل - يېزىقى نۇسخىسى)نىڭ كۆرسىتىلىش مۇراسىمى 7 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئاستانىدا ئۆتكۈزۈلدى. شۇ كۈندىن باشلاپ، بۇ پىروگرامما قازاقىستان زۇڭتۇڭ رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى قارىمىقىدىكى يىپەك يولى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، ئاتامېكىن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىدا كۆرسىتىلىدۇ.
«يېقىشلىق <سۆز>لەر − شى جىنپىڭ ياقتۇرغان ئۆرنەكلەر»نىڭ 3 - بۆلۈمى(قازاق تىل - يېزىقى نۇسخىسى)دە دىققەت ئورتاق بېيىش، ئېكولوگىيەنى قوغداش، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش، مەدەنىيلىكنىڭ كۆپ خىللىقى قاتارلىق باش تېمىلارغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزلىرى، ماقالىلىرى ۋە سۆھبەتلىرىدە نەقىل كەلتۈرۈلگەن جۇڭگونىڭ قەدىمكى كىتابلىرى ۋە كىلاسسىك ئەسەرلىرىدىكى ھېكمەتلىك جۈملىلەر كۆڭۈل قويۇپ تاللىنىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قالتىس سىياسىي ئەقىل - پاراسىتى، چوڭقۇر ئادىمىيەت ھېسسىياتى ھەمدە ئەتراپلىق بولغان چوڭ تارىخ قارىشى ۋە دۇنيا قارىشى ئاجايىپ نامايان قىلىنغان بولۇپ، كۆرۈرمەنلەرگە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مەدەنىيەت ئاساسىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.