
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۇنيىڭ 6 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى مۇنداق ئېلان قىلدى: 7 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنىدىن 6 ـ كۈنىگىچە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئاستانىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 24 ـ قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەم قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى توقايېف، تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى راخماننىڭ تەكلىپى بىلەن ئىككى دۆلەتتە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ