شى جىنپىڭ ئامېرىكا ياش - ئۆسمۈرلەر «ياشلىقتا ھەمسەپەر بولۇش» ئالماشتۇرۇش ئۆمىكىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى

2024.07.04 10:18 مەنبە: خەلق تورى

7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكا ياش - ئۆسمۈرلەر «ياشلىقتا ھەمسەپەر بولۇش» ئالماشتۇرۇش ئۆمىكىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈمىدى خەلقتە، ئاساسى خەلق ئارىسىدا، كەلگۈسى ياشلاردا، ھاياتىي كۈچى يەرلىكتە. سىلەرنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق جۇڭگونى ھېس قىلىپ، جۇڭگونى چۈشىنىپ، جۇڭگونى بىلىپ، جۇڭگودىكى ياش - ئۆسمۈرلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ھەمتۈرتكە بولۇپ، ياخشى ھەمراھلاردىن، ياخشى دوستلاردىن بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ئارىسىدا تېخىمۇ كۆپ ئۆزئارا چۈشىنىش، ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈش كۆۋرۈكى بەرپا قىلىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئامېرىكا ياش - ئۆسمۈرلەر «ياشلىقتا ھەمسەپەر بولۇش» ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى ئامېرىكىنىڭ يەتتە ئىشتاتىدىكى جەمئىي 14 ئوتتۇرا مەكتەپتىكى تەخمىنەن 190 نەپەر ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، جۇڭگو خەلق تاشقى دوستلۇق جەمئىيىتى تەكلىپ قىلغان ھەم كۈتۈۋالغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ