گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 2024-يىلى 1-ئىيۇل «گوۋۇيۈەننىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىركەت قانۇنى> بويىچە رويخەتكە ئالدۇرۇلغان كاپىتالنى تىزىملاپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى» نى ئېلان قىلىش ھەققىدىكى گوۋۇيۈەن بۇيرۇقىنى ئىمزالىدى، ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. «بەلگىلىمە» جەمئىي 13 ماددا بولۇپ، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
بىرىنچى، ساقلانما شىركەتلەرنىڭ مەبلەغ چىقىرىشقا قوشۇلۇش مۇددىتىنى تەڭشەشنىڭ ئۆتكۈنچى مەزگىللىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش. ئىككىنچى، شىركەت چىقارغان مەبلەغنىڭ بىنورماللىقىنى بىر تەرەپ قىلىشنى بېكىتىش. شىركەتنىڭ مەبلەغ چىقىرىش مۇددىتى، رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالىدا روشەن دەرىجىدە بىنورماللىق كۆرۈلسە، شىركەت تىزىملاش ئورگىنى چىنلىق، مۇۋاپىقلىق پىرىنسىپىغا خىلاپ دەپ بېكىتسە، قانۇن بويىچە ۋاقتىدا تەڭشەشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. ئۈچىنچى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. شىركەت پايچىكلار تۆلەشكە قوشۇلغان ۋە ئەمەلىي چىقارغان مەبلەغ سوممىسىنى تەڭشىگەندە، قانۇن بويىچە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى كېرەك. شىركەت تىزىملاش ئورگىنى شىركەتنىڭ تۆلەشكە قوشۇلۇش ۋە ئەمەلىي تاپشۇرۇش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى ئېلان قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، «بەلگىلىمە»دە شىركەت تىزىملاش ئورگانلىرىدىن يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، مەشغۇلات كۆرسەتمىسى تۈزۈپ، بېجىرىش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تىزىملاشنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش تەلەپ قىلىندى.