خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى خىزمەتلەردە غايەت زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپتۇ»، «ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان شىنجاڭ بەزى غەرب ئەللىرىنىڭ ساختا بايانلىرىغا ئوخشىمايدىكەن». 6-ئاينىڭ 16-كۈنى، بىر نەچچە جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇتەخەسسىس «ئېچىۋېتىلگەن شىنجاڭ: تەسىرات ۋە تەقەززالىق» سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى، ئۇلار ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن، ئۆز قۇلىقى بىلەن ئاڭلىغان، ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەنلىرى ئارقىلىق ئامېرىكا يالغاندىن ئويدۇرۇپ چىقارغان «ئەسىر يالغانچىلىقى»نى ئېچىپ تاشلىدى.
يېقىندا، ئامېرىكا ئاتالمىش «ئۇيغۇرلارنى ئەمگەك قىلىشقا مەجبۇرلاش»قا چېتىشلىق دېگەننى باھانە قىلىپ جۇڭگو كارخانىلىرىنى قانۇنسىز جازالىدى. شىنجاڭدا «مەجبۇرىي ئەمگەك» مەۋجۇتمۇ-يوق؟ بۇنىڭ جاۋابىنى بىر قاراپلا بىلگىلى بولىدۇ، شىنجاڭغا ھەقىقىي بارغان، شىنجاڭنى چۈشەنگەن ھەرقانداق كىشى بۇنىڭ پۈتۈنلەي سىياسىي يالغانچىلىق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.
بۇ يىل 5-ئايدا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يەككە تەرەپلىك مەجبۇرلاش تەدبىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىش مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئالاھىدە دوكلات بەرگۈچىسى ئالېنا دۇنخام ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى شىنجاڭدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، جۇڭگو، جۇڭگو شىركەتلىرى ياكى شەخسلەرگە قارىتىلغان يەككە تەرەپلىك جازا خەلقئارا قانۇنغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، دەپ كۆرسەتتى، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ھوقۇق بېرىشىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ جۇڭگوغا قارىتىلغان بارلىق يەككە تەرەپلىك جازالارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە ۋاقتىنچە توختىتىشنى مۇراجىئەت قىلدى. دۇنخام مىسال كەلتۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ ئەمگەك قىلىشقا مەجبۇرلاشنى باھانە قىلىپ شىنجاڭغا يۈرگۈزگەن جازاسى ئەدلىيەگە مۇراجىئەت قىلىش پۇرسىتى ۋە خەلقئارا قانۇننىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى، دەپ كۆرسەتتى.
يالغانچىلىقتىن ھامان ھېساب ئېلىنىدۇ. بۇ بىر نەچچە يىلدا، بارغانسېرى كۆپ غەرب مۇخبىرلىرى، خەلقئارادىكى دوستلار ۋە مۇتەخەسىسلەر شىنجاڭغا زىيارەتكە كەلدى، بارغانسېرى كۆپ چەتئەللىكلەر ھەقىقىي ئەھۋالنى چۈشىنىشكە باشلىدى. ئەكسىچە ئۆزىنى «كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچى» دەپ ئاتىۋالغان، باشقا دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدە بىلجىرلايدىغان، قالايمىقان قول شىلتىيدىغان ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەھۋالى زادى قانداق؟
ئامېرىكىدا ئىرقىي كەمسىتىش چوڭقۇر يىلتىز تارتقان. نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان، ئىندىئانلار باشتىن-ئاخىر مەدەنىيەت زۇلۇمىدا ياشىدى، ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادىتى رەھىمسىزلەرچە بوغۇپ تاشلاندى. ئامېرىكىدا ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەت پۇشتىدىن بولغانلارنىڭ ھوقۇقى ئېغىر دەرىجىدە تارتىۋېلىندى، ئۇلار ئۇزۇندىن بۇيان ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق كەمسىتىشكە ئۇچرىدى، بۇ ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقتىكى جاھىل كېسەللىك بولۇپ قالدى.
نۇرغۇن پاكىتلار ئىرقى كەمسىتىش، قورال جىنايىتى، زوراۋانلىق بىلەن قانۇن ئىجرا قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ئامېرىكىدا نوقۇل، قىسمەن بولماستىن بەلكى ئۇزاق مۇددەتلىك، سىستېمىلىق مەسىلە سۈپىتىدە مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ئامىرىكا كىشىلىك ھوقۇقتا سىستېمىلىق پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغان دۆلەتكە ئايلىنىۋاتىدۇ.
ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن «1-ئىيۇن»دا، «غەزەدە بالىلار بايرىمى يوق» ناملىق قىسقا سىن كۆرۈنۈشى كىشىلەرنىڭ يۈرىكىنى ئەزدى. 5-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ب د ت ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ب د ت بالىلار فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئەمەلدارى يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىدا 14مىڭدىن ئارتۇق بالىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما ئامېرىكا ھەر يىلى ئىسرائىلىيەگە ئاز دېگەندىمۇ 3 مىليارد 800 مىليون دوللارلىق ھەربىي ياردەم بېرىدۇ، غەزە رايونىدىكى ئەڭ ئېغىر ئۆلۈش-يارىلىنىشنىڭ كۆپ قىسمىنى ئامېرىكا تەمىنلىگەن ئوق-دورا كەلتۈرۈپ چىقارغان.
ئامېرىكا زومىگەرلىك سىياسىيسىنى يولغا قويۇپ، قورال كۈچىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلدى، جىنايەتلىرى چېكىگە يەتتى. 2001-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە ئىراق، لىۋىيە، سۇرىيە، ئافغانىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە قانۇنسىز ئۇرۇش ۋە ھەربىي ھەرىكەت قوزغاپ، يولسىزلىق بىلەن ئەسكەر چىقاردى، بۇ سەۋەبلىك ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 800 مىڭدىن ئاشتى، نەچچە ئون مىليون كىشىنىڭ يۇرت-ماكانىدىن ئايرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئامېرىكا يەنە ھەر تەرەپتىن قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، جىددىي ۋەزىيەت پەيدا قىلدى، ئۇنىڭ «ئۇرۇش ماشىنىسى» دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىنتايىن ئېغىر بولغان پۇقرالارنىڭ ئۆلۈش-يارىلىنىشى ۋە مال-مۈلۈك زىيىنى پەيدا قىلىپ، غايەت زور ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئاتالمىش كىشىلىك ھوقۇق «مۇھاپىزەتچىسى» ئەمەلىيەتتە كىشىلىك ھوقۇققا بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچى بولۇپ كەلدى.
كىشىلىك ھوقۇقنى مۇشۇنداق دەپسەندە قىلىش باشقىلار يېتەلمەيدىغان دەرىجىگە يەتتى. ئامېرىكىغا شۇنى ئېيتىمىزكى، يەنىلا «كىشىلىك ھوقۇق قول چىرىقى»نى ئېلىپ ئۆزىگە يورۇتۇپ باقسۇن! پۈتۈن نىيىتى بىلەن يالغان پاكىت ئويدۇرۇپ چىقىرىپ باشقىلارغا دۆڭگەپ قويغاندىن كۆرە، يامان يولدىن قايتىپ دۇرۇس يولغا مېڭىش ئۈستىدە ياخشى ئويلىنىپ، كىشىلىك ھوقۇق نامى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خالىغانچە يامانلىق قىلىشنى توختاتقىنى ياخشى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز