جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 26-ئىيۇن يېڭىدىن تەكلىپ قىلىنغان گوۋۇيۈەن مەسلىھەتچىلىرىدىن ليۇ شى، چاڭ جىلې، لى جوبىن، يىن جۇڭلى، لۇ چى، جاڭ پىڭ، ليۇ ۋېيدۇڭ ۋە مەركىزىي مەدەنىيەت-تارىخ تەتقىقاتخانىسىنىڭ خىزمەتچىلىرىدىن سۈن شياۋيۈن، جاڭ پىڭ، جاۋ تىڭياڭ، رۇڭ شىنجياڭ، ۋەن جيەنجۇڭلارغا تەكلىپنامە تارقىتىپ بەردى.
تەكلىپنامە تارقىتىلغاندىن كېيىن، لى چياڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەسلىھەتچىلەر، تەتقىقاتخانا خىزمەتچىلىرىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى ۋە زور ئۈمىدلەرنى كۈتتى. بۇ يىل ھۆكۈمەت مەسلىھەتچىلەر تۈزۈمى ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، مەدەنىيەت، تارىخ تەتقىقاتخانا خىزمەتچىلىرى تۈزۈمى ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 73 يىللىقى. 70 نەچچە يىلدىن بۇيان، مەسلىھەتچىلەر، تەتقىقاتخانا خىزمەتچىلىرى ئۆزگىچە رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.
لى چياڭ مەسلىھەتچىلەر، تەتقىقاتخانا خىزمەتچىلىرىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشى توغرىسىدا ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنچى، ياخشى «مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكى» بولۇش كېرەك. مەسلىھەتچىلەر، تەتقىقاتخانا خىزمەتچىلىرىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆپرەك ئىگىلەپ، ئامما ئالدىرىغان، قىينالغان، غەم قىلغان، تەقەززا بولغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن پائال چارە-تەدبىر كۆرسىتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىككىنچى، «مەدەنىيەت ماركىسى»نى ياخشى يارىتىش كېرەك. مەسلىھەتچىلەر، تەتقىقاتخانا خىزمەتچىلىرىنىڭ شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىپ، تىرىشىپ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلغۇچىلار، نادىر مەدەنىيەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلغۇچىلار، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەردىن بولۇپ، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۈچىنچى، «قەلب كۆۋرۈكى»نى ياخشى سېلىش كېرەك. مەسلىھەتچىلەر، تەتقىقاتخانا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئالاقىسى كەڭ، تەسىر كۈچى كۈچلۈك، كۆپچىلىكنىڭ كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر ساھەدىكى دوستلار بىلەن كەڭ دائىرىدە ئۇچرىشىپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئوي-پىكىر ۋە كۈچنى بىر جايغا سەرپ قىلىپ، بىر جايغا تەر تۆكۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچ توپلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
شى تەيفېڭ يىغىنغا قاتناشتى، ۋۇ جېڭلۇڭ تەكلىپلىك تەيىنلەش تىزىملىكىنى ئوقۇپ ئۆتتى.