شى جىنپىڭ جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ لىشۈي شەھىرى جىڭنىڭ شېزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ مۇنداق تەكىتلىدى

​ئېسىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆزگىچە ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە شېزۇ يۇرتى جىڭنىڭنىڭ تەرەققىيات يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش كېرەك

2024.06.28 15:19 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

جاۋاب خەت

جىڭنىڭ شېزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما:

جىڭنىڭنىڭ ناھىيە بولۇپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى پەيتىدە، قىزغىن تەبرىكلەيمەن.

40 يىلدىن بۇيان، جىڭنىڭ ناھىيەسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، خاس تەرەققىيات قاتارلىق جەھەتلەردە خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى، بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشالمەن.

يېڭى مۇساپىدە، پۈتۈن ناھىيەدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېسىل ئەنئەنىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزگىچە ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەر رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە ئورتاق بېيىشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە شېزۇ يۇرتى جىڭنىڭنىڭ تەرەققىيات يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ

2024 - يىلى 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تېلېگراممىسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ لىشۈي شەھىرى جىڭنىڭ شېزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، جىڭنىڭنىڭ ناھىيە بولۇپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، جىڭنىڭنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېدى: 40 يىلدىن بۇيان، جىڭنىڭ ناھىيەسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، خاس تەرەققىيات قاتارلىق جەھەتلەردە خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى، بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشالمەن.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى مۇساپىدە، پۈتۈن ناھىيەدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېسىل ئەنئەنىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزگىچە ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەر رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە ئورتاق بېيىشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە شېزۇ يۇرتى جىڭنىڭنىڭ تەرەققىيات يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

جىڭنىڭ شېزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى 1984 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر شېزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى. باش شۇجى شى جىنپىڭ جېجياڭدا خىزمەت قىلغان مەزگىلدە جىڭنىڭنى ئاساسىي قاتلام خىزمىتىدىكى ئالاقە نۇقتىسى قىلغان، مەركەزگە بېرىپ خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، جىڭنىڭنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق، تەستىقىي يوليورۇق بەرگەن. يېقىندا، جىڭنىڭ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى، ناھىيەلىك ھۆكۈمەت پۈتۈن ناھىيەدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا ۋاكالىتەن باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، ناھىيە قۇرۇلغان 40 يىلدىن بۇيانقى، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردىن بۇيانقى تۈرلۈك ئىشلاردا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى دوكلات قىلىپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، تىرىشىپ مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ ئورتاق بېيىشىدىكى باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە كۆرسەتكۈچىلەردىن بولۇش ئىرادىسىنى بىلدۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ