پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا پۇختا تۈرتكە بولايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك پەن - تېخنىكا يىغىنى، دۆلەت پەن - تېخنىكا مۇكاپاتى يىغىنى، ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلار يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

2024.07.01 15:43 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

«جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا پەن - تېخنىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تىرەك قىلىشقا تايىنىش كېرەك، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىپ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى يېتىلدۈرۈشكە تايىنىش كېرەك.» مەملىكەتلىك پەن - تېخنىكا يىغىنى، دۆلەت پەن - تېخنىكا مۇكاپاتى يىغىنى، ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلار يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پەن - تېخنىكىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك باشلامچىلىق ئورنى ۋە تۈپ تىرەكلىك رولىنى مۇپەسسەل بايان قىلىپ، «پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا كۈچ قوشۇش»نى چۆرىدەپ مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، يۇغۇرۇلۇشنىڭ ئاساسى، يۇغۇرۇلۇشنىڭ ئاچقۇچى، يۇغۇرۇلۇشنىڭ يولىنى چوڭقۇر چۈشەندۈردى.

پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يېڭى كەسىپ، يېڭى ئەندىزە، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان بولۇپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى يادرولۇق مۇھىم ئامىل. يېڭى دەۋردىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىدە يادرولۇق ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يېتەكچىلىك، تۈرتكىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا جۇشقۇن ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشتى. توپلاشتۇرۇلغان توك يولى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشتىن دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان چوڭ ئايروپىلاننىڭ سودا خاراكتېرلىك ئۇچۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغىچە، يەنە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل يەرشارىۋى ئاپتوموبىل كەسپىگە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشقىچە، يۇقىرى دەرىجىلىكلەشكەن، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان، يېشىللاشقان بىر تۈركۈم يېڭىچە تۈۋرۈك كەسىپلەر تېز قەد كۆتۈرۈپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تېخىمۇ بىخەتەر تەرەققىيات يولىغا قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولدى. ھازىر، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى چوڭقۇر تەرەققىي قىلىپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مىسلىسىز كۆجۈملىشىش، جانلىنىش مەزگىلىگە كىردى. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلغاندىلا، پەن - تېخنىكا رىقابىتى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى ئىگىلەپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا كۈچ قوشۇپ، تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئەۋزەللىكى ياراتقىلى بولىدۇ.

«يۇغۇرۇلۇشنىڭ ئاساسى يۇقىرى سۈپەتلىك پەن - تېخنىكا تەمىناتىنى ئاشۇرۇش.» يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئاساسلىقى تېخنىكىدا ئىنقىلاب خاراكتېرلىك بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن، بۇ بىزدىن پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى، بولۇپمۇ ئىجادىي خاراكتېرلىك، ئاغدۇرما خاراكتېرلىك پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، ئىجادىي خاراكتېرلىك، ئاغدۇرما خاراكتېرلىك پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى بەس - بەستە بارلىققا كەلتۈرۈپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدىكى نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاجىز ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، توپلاشتۇرۇلغان توك يولى، سانائەت ئانا ماشىنىسى، ئاساسىي يۇمشاق دېتال، ئىلغار ماتېرىيال، پەن تەتقىقات ئەسۋابلىرى، يادرولۇق ئۇرۇق مەنبەسى قاتارلىق بوغما ھالەت چەكلىمىسىگە قارىتا، تېخنىكا تەتقىق قىلىپ ئېچىش سالمىقىنى زورايتىپ، مۇھىم كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا، بىخەتەر، تىزگىنلىگىلى بولىدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى پەن - تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك؛ كەلگۈسى پەن - تېخنىكا ۋە كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى دەل جايىدا نىشانلاپ، يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، كىۋانت پەن - تېخنىكىسى، بىيوپەن - تېخنىكا، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق ساھەلەردىكى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر ۋە كەلگۈسى كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك؛ پائال تۈردە يېڭى تېخنىكىلارنى قوللىنىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، كەسىپلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلىشىشى، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىشى، يېشىللىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

«يۇغۇرۇلۇشتىكى ئاچقۇچ كارخانىلارنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىنى كۈچەيتىشتە.» كارخانا يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدە، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى جەڭگىۋار قوشۇن. كارخانىلارنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىنى تۈزۈم جەھەتتىن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرلىرىنى بەلگىلەش، تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا مەبلەغ سېلىش، پەن تەتقىقاتنى تەشكىللەش ۋە نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇشتىكى ئاساسىي گەۋدىگە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، بازار ئېھتىياجى، توپلاشتۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش، تەشكىللەش سۇپىسى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا كۈچلۈك بولۇشتىن كارخانا كۈچلۈك بولۇش، كەسىپ كۈچلۈك بولۇش، ئىقتىساد كۈچلۈك بولۇشقا ئۆتۈش يولىنى تۇتاشتۇرۇش كېرەك؛ پەن - تېخنىكا باشلامچى كارخانىلىرىنىڭ باشلامچىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ۋە پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشىغا ئىلھام بېرىپ، كارخانىلارنىڭ دۆلەتنىڭ چوڭ - چوڭ پەن - تېخنىكا تۈرلىرىگە باشلامچى بولۇشى ياكى قاتنىشىشىغا مەدەت بېرىش كېرەك؛ كارخانىلارنىڭ «سوئال چىقارغۇچى» «سوئالغا جاۋاب بەرگۈچى» «ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرگۈچى» بولۇشىغا مەدەت بېرىش، كارخانىلارنى ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىشقا يېتەكلەپ، يېڭىلىق يارىتىش بىرلەشمە گەۋدىسى تەشكىللەپ قۇرۇش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، كەسىپ ئېھتىياجىغا يۈزلىنىپ، ئورتاق ھالدا پەن - تېخنىكا مەسىلىلىرىنى تاۋلاپ چىقىپ، پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى بىرلىكتە قانات يايدۇرۇپ، پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى ماس تەربىيەلەپ، كارخانا يېتەكچىلىكىدىكى ئىشلەپچىقىرىش - ئوقۇتۇش - تەتقىقاتنى يۇغۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

«يۇغۇرۇلۇشنىڭ يولى پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش، قوللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش.» شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىش كېرەككى، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى پەقەت دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى، خەلقنىڭ تەلىپى، بازار ئېھتىياجى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىلمىي تەتقىقات، تەجرىبە قىلىپ ئېچىش، كېڭەيتىپ قوللىنىشتىن ئىبارەت ئۈچ قەدەملىك سەكرەشنى تاماملىغاندىلا، ئاندىن ھەقىقىي تۈردە يېڭىلىق يارىتىش قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇشنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى يېڭى كەسىپلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈش، كەسىپلەرنىڭ چوڭقۇر تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا پۇختا تۈرتكە بولۇشتا، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى كونكرېت كەسىپ ۋە كەسىپ زەنجىرىدە ۋاقتىدا قوللىنىپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ كەسىپ ئاساسى ئەۋزەللىكى ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازار ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، دۆلەتنىڭ تېخنىكا يۆتكەش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سىياسەت مەدىتى ۋە بازار مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆز ئالدىغا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىنغان مەھسۇلاتلارنى كېڭەيتىپ قوللىنىش ۋە يېڭىلاپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئەۋرىشكىدىن مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرۇش، كەسىپ شەكىللەندۈرۈش كېرەك؛ پەن - تېخنىكا پۇل مۇئامىلىسىدىن ئىبارەت بۇ ئىشنى ياخشى قىلىپ، پۇل مۇئامىلە كاپىتالىنى بالدۇر مەبلەغ سېلىشقا، كىچىك تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىشقا، ئۇزاق مەزگىللىك مەبلەغ سېلىشقا، كۈچلۈك پەن - تېخنىكىغا مەبلەغ سېلىشقا يېتەكلەش كېرەك.

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى باش ۋەزىپە، يېڭى دەۋردىكى چىڭ داۋلى. يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى ۋە مۇھىم كۈچەش نۇقتىسى. يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشنى چىڭ تۇتقانلىق تەرەققىياتنى چىڭ تۇتقانلىق، يېڭىلىق يارىتىشنى كۆزلىگەنلىك كەلگۈسىنى كۆزلىگەنلىك دېگەن ئىدىيەنى مەھكەم تۇرغۇزۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا پۇختا تۈرتكە بولغاندىلا، چوقۇم يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ماددىي تېخنىكا ئاساسى سېلىپ، يېڭى مۇساپىدە ئۈزلۈكسىز تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرگىلى، ئەۋزەللىكنى قولغا كەلتۈرگىلى، كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ