شى جىنپىڭ ۋىيېتنام زۇڭلىسى فەن مىڭجېڭ بىلەن كۆرۈشتى

2024.06.28 15:17 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا يازلىق داۋوس مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ۋىيېتنام زۇڭلىسى فەن مىڭجېڭ بىلەن كۆرۈشتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياۋ داۋېي فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر جېڭ مىڭدا) 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا يازلىق داۋوس مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ۋىيېتنام زۇڭلىسى فەن مىڭجېڭ بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ فەن مىڭجېڭغا باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭ ۋە دۆلەت رەئىسى سۇ لىنغا سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ھاۋالە قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا مەن ۋىيېتنامدا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن بىرلىكتە ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جۇڭگو - ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى جاكارلاپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويۇشىغا يېتەكچىلىك قىلدۇق. يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى قويۇقلاشتى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق تەرەققىياتى ئوڭۇشلۇق بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ئەمەلىي نەپ يەتكۈزدى. ھازىر، دۇنيادا 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتىدۇ، جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام ئىقتىسادنىڭ تېز تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىملىقىنى ساقلاپ، سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلدى. ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جۇڭگو - ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزلىرىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداپ، دۇنيا سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. جۇڭگو تەرەپ ۋىيېتنام تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، «ئالتە تېخىمۇ» ئومۇمىي نىشانىنى چۆرىدەپ، ئىتتىپاقلىق، دوستلۇقتا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تۈردە ئۆزئارا قوللاپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ زامانىۋىلىشىشقا قاراپ ئاتلىنىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرىدۇ، بۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد - سودا، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشىگە يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ. ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنى بىرلىكتە ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ۋىيېتنامغا مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى زورايتىشىغا ئىلھام بېرىشنى خالايدۇ، ۋىيېتنام تەرەپنىڭ جۇڭگو كارخانىلىرىنى ئادىل، ھەققانىي، كەمسىتىش بولمىغان تىجارەت - سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىككى تەرەپ ئىككى پارتىيەنىڭ دوستلۇق ئالاقىسى قىزىل بايلىقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، چېگرادىكى ئۆلكىلەرنىڭ ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشىگە مەدەت بېرىپ، يېزا ئىگىلىكى، مائارىپ، داۋالاش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرىنى ياخشى يولغا قويۇپ، خەلقلەر ئارا، ياشلار قاتارلىق ئالماشتۇرۇش سۇپىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، جۇڭگو - ۋىيېتنام دوستلۇقىنىڭ خەلق رايى ئاساسىنى پۇختىلىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ دېڭىز مەسىلىسىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، دېڭىزنى ئورتاق ئېچىشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغدىشى كېرەك.

فەن مىڭجېڭ باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭ ۋە دۆلەت رەئىسى سۇلىننىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭغا يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزدى، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: ۋىيېتنام بىلەن جۇڭگو ئەنئەنىۋى ئىناق قوشنا - دوست، ھەر ئىككىلىسى كوممۇنىستىك پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك دۆلەت. ۋىيېتنام تەرەپ جۇڭگونىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دانا رەھبەرلىكىدە ھەر تەرەپلىمە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى سەمىمىي تەبرىكلەيدۇ، جۇڭگونىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدا جارى قىلدۇرغان مۇھىم موتورلۇق ۋە تۇراقلاشتۇرغۇچلۇق رولىغا ئىجابىي باھا بېرىدۇ. ۋىيېتنام تەرەپ جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ قۇدرەت تېپىپ گۈللىنىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ. ۋىيېتنام تەرەپ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدە نامايان بولغان تارىخىي نەزەر، يەرشارىۋى نەزەر ۋە قۇدرەتلىك ئۇلۇغ كۈچنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بىرقاتار يەرشارىۋى تەشەببۇسلارنى قوللايدۇ، جۇڭگونىڭ «ئومۇميۈزلۈك ۋە تەرەققىي قىلغان تىنچ ئوكيان ھالقىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»گە قاتنىشىشىنى قوللايدۇ، ئىقتىساد - سودا، پەن - تېخنىكا مەسىلىلىرىنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرىدۇ. ۋىيېتنام تەرەپ جۇڭگونىڭ پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى يېڭى نەزەرىيەسى، يېڭى ئەمەلىيىتى، يېڭى نەتىجىلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە ئۇنىڭدىن ئۆرنەك ئېلىپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىيېتنامنىڭ مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قىممەتلىك ياردەم بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. ۋىيېتنام تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى قوللايدۇ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، ۋىيېتنام بىلەن جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشى ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ۋىيېتنامنىڭ تاشقى سىياسىتىدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك ئالدىن تاللاش ۋە ئىستراتېگىيەلىك تاللاش قىلىدۇ، تاشقى دۇنيانىڭ ئارىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىشى ۋە دەخلى - تەرۇز قىلىشى، بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا ئۇچرىمايدۇ. باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بۇلتۇر ۋىيېتنامدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقى ۋىيېتنام - جۇڭگو مۇناسىۋىتىدىكى تارىخىي ئابىدە. ۋىيېتنام تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ مۇھىم نەتىجىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئالتە تېخىمۇ» ئومۇمىي نىشانى بويىچە، ئۈزلۈكسىز تۈردە سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ياشلارنىڭ ئالماشتۇرۇشىغا ئىلھام بېرىپ، خەلق رايى ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىختىلاپنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ۋىيېتنام - جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ھەقىقىي ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ.

ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ