جاۋ لېجى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن سۆھبەتلەشتى

2024.06.28 15:15 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى 26-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 10-سانلىق يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشقان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، بۇرچ تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش داۋامىدا سىياسىي يۈكسەكلىكىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى پائال زىممىسىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى تەقدىم قىلىشى كېرەك.

سۆھبەت يىغىنىدا، ۋەكىللەر خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خامچوت، نەق چوتىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ پىكىر تەكلىپ بەردى. جاۋ لېجى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، ۋەكىللەر بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەزىپە، ئېغىر مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان. خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىگە قاتنىشىش ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، ۋەكىللەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى.

جاۋ لېجى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا خەلق ئارىسىدىن كېلىش، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىشتەك ئەۋزەللىكىنى، ئۆزىنىڭ كەسپىي ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەسئۇلىيەت دائىرىسىدە خەلقنىڭ ساداسىغا جاۋاب قايتۇرۇشى كېرەك. كۆزدىن كەچۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، سۆھبەت ئۆتكۈزۈش، زىيارەت قىلىش ۋە ۋەكىللەر پونكىتى قاتارلىق سۇپىلار ئارقىلىق، ئاممىنىڭ ئوي-پىكرى، ئارزۇ-ئۈمىدىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى قانۇن بويىچە ئىلگىرى سۈرۈش، بولۇپمۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ تەدبىر-تەكلىپلىرىنى تۈزۈم، قانۇن قاتلىمىدىن مۇلاھىزە قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئەل رايى، خەلقنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى قاراپ چىقىشقا قاتنىشىپ سۆز قىلغاندا ۋە تەكلىپ- تەۋسىيەلىرىدە گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. مەۋقەنى ئۆز خىزمەت ئورنىغا قويۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم سىياسەت-فاڭجېنلىرى، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات نىشان-ۋەزىپىلىرىنى پائال تەشۋىق قىلىپ ۋە شەرھلەپ، ئەتراپتىكى ئاممىنى ئۆز كەسپى، ئۆز ساھەسىدە ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك.

جاۋ لېجى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى ئورگىنى ۋەكىللەرنىڭ خىزمەت ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خىزمەتنىڭ قاراتمىلىقى، دەللىكى، ئۈنۈملۈكلۈكىنى ئاشۇرۇپ، ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىشى ۋە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ۋەكىللەر خىزمىتى ئەمەلىيىتىدىكى ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللارنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، ۋەكىللەر خىزمىتى تۈزۈمى مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋەكىللەر خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

لى خۇڭجۇڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ