لى چياڭ گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

2024.06.28 15:14 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 26-ئىيۇن گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا مەملىكەتلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، تاشقى مەبلەغدىن پايدىلىنىش خىزمىتى تەتقىق قىلىندى، ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، قۇرۇلمىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش زىددىيىتىنى كۈچەپ ھەل قىلىش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، «سېسترالار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پەرۋىش مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھەسى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: مەملىكەتلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتى ئومۇمىي جەھەتتىن سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى. مەملىكەتلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش يىغىنىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە چىڭ تۇتۇپ، گۈزەل جۇڭگو باشلامچى رايون قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇلغىنىشنى ئازايتىش، كاربوننى تۆۋەنلىتىشنى ماس تۈزەشنى كۈچەيتىپ، كۆك ئاسمان، زۇمرەت سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم بىلەن ياخشى قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈش كېرەك. سىياسەتنى بىرتۇتاش پىلانلاش-ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى سېلىنما ئىستېمالىنى كېڭەيتىش، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىش بىلەن تېخىمۇ ياخشى بىرلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرى يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ، چەت ئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. نۇقتىلىق ساھەلەرنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ياسىمىچىلىق ساھەسىدىكى تاشقى مەبلەغ ئىجازىتى چەكلىمە تەدبىرلىرىنى «پۈتۈنلەي تۈگىتىش» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مۇلازىمەت كەسپىنى ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، ئىچكى تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك ئۈسكۈنە يېڭىلاش، ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش ۋە مەبلەغ سېلىش قاتارلىقلارغا قاتنىشىشىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش كېرەك. مەبلەغ سېلىشنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، دورا، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق ساھەلەردىكى چەت ئەل مەبلىغى سىياسىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت كاپالىتى مېخانىزمىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. «جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىش» ماركىسىنى يارىتىپ، يېڭى نۇسخىدىكى «چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا ئىلھام بېرىدىغان كەسىپلەر مۇندەرىجىسى»نى ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ ئېلان قىلىپ، چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى خادىملارنىڭ خىزمەت قولايلىقلىقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىش قۇرۇلمىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش زىددىيىتىنى ھەل قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك، تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم. ئېھتىياج يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەكتەپلەر بىلەن كارخانىلارنى تۇتاشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازاردا كەمچىل بولۇۋاتقان، كارخانىلار جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تېخىمۇ كۆپ يېتىشتۈرۈش كېرەك. قوللاش سىياسىتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تەربىيەلەش تولۇقلىمىسى قاتارلىق مەبلەغلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار، دېھقان ئىشلەمچىلەر قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، ئادەم بىلەن ئىش ئورنىنىڭ ئۇيغۇنلىشىشى، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنىڭ ماسلىشىشىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: سېسترالار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پەرۋىش مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇش خەلق ئاممىسىنىڭ كۆپ خىللاشقان داۋالاش مۇلازىمىتى ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر. ئىش ھەققى، ئىشتات، ئۇنۋان ئۆستۈرۈش قاتارلىق كاپالەت تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشتات ئىچى ۋە سىرتىدا ئوخشاش ئىشقا ئوخشاش ھەق بېرىش تەمىناتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئىختىساسلىقلارنى پەرۋىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا جەلپ قىلىش ۋە مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك.

يىغىندا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھەسى» قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش خىزمىتىنى قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە ياخشى ئىشلەپ، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاڭلىق ساقلايدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك، دەپ كۆرسىتىلدى.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ