خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «خەلقئارا جەمئىيەتكە خاتىرجەم، ئىناق، ھاياتىي كۈچكە تولغان گۈزەل شىنجاڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىمىز»، «ھەقىقىي جۇڭگو شىنجاڭنى دۇنيا خەلقىگە نامايان قىلىمىز»، «كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىمىزنى خاتىرىلەپ، ئافغانىستان بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى داۋاملاشتۇرىمىز»... بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئەرەب ئەللىرىدىكى پارتىيە كادىرلىرى تەكشۈرۈش ئۆمىكى، مالايسىيادىكى جۇڭگولۇق مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ ئېكىسكۇرسىيە-زىيارەت ئۆمىكى، ئافغانىستان تاراتقۇ زاتلىرى ۋەكىللەر ئۆمىكى قاتارلىق كۆپلىگەن خەلقئارالىق دوستلار شىنجاڭغا زىيارەتكە كېلىپ، تيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئىناقلىقى، ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ جانلىق مەنزىرىسىنى كۆرۈپ، دۆلىتىگە قايتقاندىن كېيىن كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە سۆزلەپ بېرىدىغانلىقىنى، «خەلقئارا نەزەر»دىن پايدىلىنىشنىڭ پۈتۈن دۇنياغا ئوبيېكتىپ، ھەقىقىي ئىستېرېئولۇق جۇڭگو شىنجاڭنى نامايەن قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
پەقەت يېقىنلاشقاندىلا ئاندىن ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ. «خەلقئارا نەزەر» ئارقىلىق شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەشتە، قۇچاقنى كەڭ ئېچىپ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت زاتلىرىنىڭ زىيارەتكە كېلىشىنى قارشى ئېلىش لازىم. چەتئەللىكلەر شىنجاڭغا بارغاندىلا ئاندىن شىنجاڭنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىنى ھېس قىلالايدۇ، شىنجاڭنىڭ قانۇن بويىچە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، كىشىلىك ھوقۇققا تولۇق كاپالەتلىك قىلىش، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى يولغا قويۇش، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى، قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلىرىنى چوڭقۇر چۈشىنەلەيدۇ، شۇندىلا ئامېرىكا بىلەن غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر توقۇغان ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەك»، «ئاھالىلەرنى يوقىتىش» توغرىسىدىكى سەپسەتەلىرىنىڭ قانچىلىك بىمەنىلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايدۇ. يېقىندا ئافغانىستان دۆلەتلىك رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئابدۇ موبىن ھەمداد زىيارەت جەريانىدا «كۆز بىلەن كۆرگىنى راست، مەن كۆرگەن شىنجاڭ بەك گۈزەل، ناھايىتى زامانىۋى ئىكەن، كۆپچىلىك تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولىدىكەن، غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىكەن» دەپ، ھەم زىيارەتكە قاتناشقان چەتئەللىكلەرنىڭ شىنجاڭغا بولغان ھەقىقىي قارىشىنى سۆزلەپ بەردى ھەم بەزى كۈچلەرنىڭ شىنجاڭغا قارا سۈركەش ئۈچۈن ئويدۇرۇپ چىقارغان يالغان سۆزلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ھەق-ناھەقنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىش ئىكەنلىكىنى كۈچلۈك ئىسپاتلىدى.
قانچە ئاددىي بولغاندا كىشى قەلبىنى شۇنچە تەسىرلەندۈرىدۇ. «خەلقئارا نەزەر»دىن پايدىلىنىپ شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، ئاددىي ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ كۆپ نامايان قىلىش لازىم. خەلقئارالىق دوستلارنىڭ زىيارىتىدە مۇزېي، مەدەنىيەت سارىيى قاتارلىق ئۇلۇغ بايان كۆرۈنۈشلىرى كەم بولسا بولمايدۇ، بۇنداق بولغاندا زىيارەتكە قاتناشقۇچىلارنىڭ شىنجاڭغا بولغان ئومۇمىي تەسىراتى تېز شەكىللىنىدۇ، ئەمما ئۇلۇغ بايانلارغا قارىغاندا، تۇرمۇش تەپسىلاتلىرى ۋە ئاددىي-ساددا ھېسسىياتقا تولغان ئادەتتىكى ھېكايىلەر ھەمىشە سەمىمىي ھېسسىياتنى تېخىمۇ قوزغىيالايدۇ. ھەر مىللەت پۇقرالارنىڭ قىزغىن تۇرمۇشىنى كۆپ نۇقتىدىن، ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىپ، ئاددىي كىشىلەرنىڭ ھېكايىسى ئارقىلىق كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرۈپ، خەلقئارادىكى دوستلارنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغاپ، ئۇلارنىڭ شىنجاڭ ھېكايىسىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش قىزىقىشىنى قوزغاش كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا بىز خەلقئارا ئاممىۋى پىكىر مەيدانىدا شىنجاڭنىڭ ساداسىنى ئۈزلۈكسىز ياڭرىتالايمىز.
ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان شىنجاڭ تاشقى دۇنيانىڭ ئوبيېكتىپ، ئومۇميۈزلۈك تونۇشىغا تەشنا، شىنجاڭنى زىيارەت قىلىشقا كەلگەن تۈركۈم-تۈركۈم خەلقئارالىق زاتلار بىزنىڭ شىنجاڭنى دۇنياغا نامايان قىلىشتىكى ئەڭ ياخشى كۆۋرۈكىمىز. ئۇلارنىڭ نۇقتىسىدىن نامايان قىلىپ، ئۇلارنىڭ سۆزلىرى بىلەن بايان قىلغاندا، شىنجاڭغا كېلىپ باقمىغان تېخىمۇ كۆپ چەتئەللىكلەرگە شىنجاڭنى چۈشەندۈرۈپ، بەزى كىشىلەرنىڭ شىنجاڭغا بولغان خاتا تەسىراتى ۋە خاتا تونۇشىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز