باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

شاڭخەي ئۈرۈمچىدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش «لۈدى داڭلىق يازغۇچىلار» تۈرى بويىچە 230 مېتىرلىق قوش مۇنارى ياسايدۇ

2013.09.06 18:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 6-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئاينىڭ 4-كۈنى، شاڭخەي يەنە بىر قېتىم شىنجاڭغا ياردەم بېرىش «داڭلىق يازغۇچىلار» تۈرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، لۈدى گۇرۇھى 5 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، قۇرۇشقا باشلىغان ئۈرۈمچى.لۈدى مەركىزى تۈرىگە ئۇل سېلىندى. شاڭخەي شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋېن كاتىبى، شاڭخەينىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى باش قوماندانى چېن جىڭ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋېن شۇجىسى، مۇۋەققەت شەھەر باشلىقى ئىلھام سابىر، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، مۇئاۋېن شەھەر باشلىقى لى خوڭبىن ئۇل سېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى.لۈدى مەركىزى تۈرى ئۈرۈمچى خەلقئارالىق يىغىن-يەرمەنكە مەركىزى بۆلىكى رايونىغا جايلاشقان، ئېگىزلىكى 230 مېتىر كېلىدىغان ئىككى قوش مۇنار ئېچىش پىلانلانغان، پىلانلانغان كۆلىمى 375مىڭ كۋادرات مېتىر بولۇپ، 5 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنغان. پۈتكەندىن كېيىن گۇرۇھنىڭ ئۈرۈمچىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى ئېگىز، ئىشخانا، سودا كەسپى ئۇنۋېرسال گەۋدىسى، ياتاق بىناسى قاتارلىقلار بىر گەۋدىلەشكەن يېڭى بەلگىسى بولۇپ قالىدۇ.

  لۈدى گۇرۇھى 2011-يىلى كەڭ كۆلەملىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش غەرب يولى تۈرىنى قوزغىتىپ، قەشقەرنىڭ يەكەن ناھىيەسىگە ئورۇنلىشىپ، ئومۇمىي كۆلىمى 50 مىڭ كۋادرات مېتىرغا يېتىدىغان كاپالەتلىك ئۆي قۇرۇپ، يەكەن ناھىيەسىدىكى 1002 ئائىلىلىكنىڭ ئولتۇراق ئۆي مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە 170 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ قۇرۇشقا باشلىغان ، كۆلىمى 50 كۋادرات مېتىرغا يېقىن كېلىدىغان لۈدى.ھەر تەرەپكە تۇتاش شەھىرى قۇرۇلۇشى 8-ئاينىڭ ئاخىرىدا پۈتۈپ، شاڭخەي دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىنىڭ شىنجاڭغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىش ئۈلگىسى بولۇپ قالغان.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار تۇردى