باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەخسۇس سەھىپە>>نۆۋەتلىك جۇڭگو ــ ئاسىيا ــ ياۋروپا يەرمەنكىسى>>ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

شىنجاڭ ــ دۇنياۋى ھەمكارلىقنىڭ چوڭ سەھنىسىگە يۈزلەندى

2013.09.05 16:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1-سېنتەبىر 3- نۆۋەتلىك جۇڭگو—ئاسىيا، ياۋروپا كۆرگەزمىسى رەسمىي باشلىنىشتىن بىر كۈن ئاۋۋال، «مالايسىيا مۇسۇلمانچە تاۋارلار بويىچە كېڭىشىش يىغىنى» ئۈرۈمچىدىكى ئاۋات كوچىلارنىڭ بىرى بولغان دوستلۇق يولى سودا كوچىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. كۆرگەزمىگە قاتناشقان مالايسىيا كارخانىلىرىنىڭ سانى 40قا يېتىپ، تاتلىق- تۈرۈم، ئىچىملىك، گۆش مەھسۇلاتلىرى، تېرە ئاسراش بۇيۇملىرى، قەھۋە قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى كۆرگەزمىگە قويدى. مالايسىيالىق سودىگەر سەئىد ئابلا مۇنداق دېدى: «بۇ-- مالايسىيا ھۆكۈمىتىنىڭ تۇنجى قېتىم ۋەكىللەر ئۆمىكى تەشكىللەپ، جۇڭگو—ئاسىيا، ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىشى بولۇپ، جۇڭگو—ئاسىيا، ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىگە بولغان تەسىر كۈچى مۇھىم ئورۇنغا قويۇلدى. بىز مانا مۇشۇ سەۋەبلىك، جۇڭگو—ئاسىيا، ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلدۇق.»

  دۆلەت ئىچىدىكى بولۇپمۇ ئوتتۇرا ۋە شەرقىي قىسىم رايوندىكى كارخانىلارمۇ ئارقىدا قېلىشنى خالىمىدى. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كۆرگەزمە ئورنىدا، مۇخبىر دۆلەت ئىچىدىكى پولات- تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىدىغان داڭلىق پۇقراۋى كارخانا-- جياڭسۇ شياڭگاڭ پولات- تۆمۈر گۇرۇھىنىڭ ۋەكىلى ۋاڭ فېڭنىڭ ئۇچرىتىپ قالدى. ئۇلار بۇ قېتىم قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى بىلەن، 300 مىليون يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىنىدىغان كان قۇدۇقىنى رەقەملەشتۈرۈپ كونترول قىلىش قۇرۇلمىسىنى پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە قۇراشتۇرۇش تۈرى بويىچە كېلىشىم ئىمزالاش ئۈچۈن كەلگەن بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ قۇرۇلما-- زامانىۋىلاشقان ۋە ماشىنىلاشقان ئېچىش جەھەتتە ئىلغار ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، ئاپتوماتىكلىشىش دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى. بىز ئۆزىمىزمۇ قازاقىستاندا كان ئېچىۋاتقان بولۇپ، ئۆزىمىزمۇ مۇشۇ قۇرۇلمىنى ئىشلىتىمىز. بىزنىڭ نىشانىمىز-- ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 5 دۆلەت جۈملىدىن رۇسىيەگە بۇ مەھسۇلاتنى كىرگۈزۈشتىن ئىبارەت.»

  بۇ يىللىق جۇڭگو—ئاسىيا، ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە، ئادەتتىكى ئىقتىساد- سودا كۆرگەزمىسى ۋە كېڭىشىش پائالىيەتلىرىدىن باشقا، خەلقئارالىق مۇنبەر، مەخسۇسلاشقان مەبلەغ سېلىش ۋە سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىمۇ كۆپ بولدى. ئىلگىرىكى ئوتتۇرا ئاسىيا- جەنۇبىي ئاسىيا ھەمكارلىق مۇنبىرى داۋاملىق قىزىدى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ غەربىي ياۋروپادىكى 4 دۆلەت ۋە ئاۋسترالىيە شۇنىڭدەك ئوتتۇرا ۋە شەرقىي ياۋروپا ئەللىرى بىلەن بولغان ئىقتىساد- سودا ئالماشتۇرۇش يىغىنلىرىمۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. پۇل مۇئامىلە، پەن-تېخنىكا ھەمكارلىقى، خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى، ئېنېرگىيە مەنبەسى، تېز سۈرئەتلىك تاشيول قاتارلىق بىر تۈركۈم يۇقىرى سەۋىيەلىك مەخسۇس مۇنبەرلەر ئۆتكۈزۈلىدىغان بولدى. مالايسىيا، ھىندىستان ھەتتا جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىگە جايلاشقان ئۇرۇگۋاي قاتارلىق ئەللەرمۇ جۇڭگو—ئاسىيا، ياۋروپا كۆرگەزمىسىدىن ئىبارەت بۇ سەھنىدىن پايدىلىنىپ، مەخسۇس تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزىدىغان بولدى. خەلقئارالىق تەشكىلاتلار، چەتئەللىك سودىگەرلەر ئۆزىنى مېھمان دەپ بىلمەيدىغان بولدى. ئۇلار جۇڭگو—ئاسىيا، ياۋروپا كۆرگەزمىسىدىن ئىبارەت بۇ كەڭ سەھنىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزى ئېھتىياجلىق نەرسىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىدىغان، ئۆزىنى تولۇق نامايان قىلىدىغان بولدى.

  جۇڭگو ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقات يۇرتى ياۋروپا تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋاڭ شو جۇڭگو—ئاسىيا، ياۋروپا كۆرگەزمىسىدىكى بۇ خىل ئۆزگىرىشلەرگە باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: «ياۋروپا -- قەرز ئىشلىرى كرىزىسىنىڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىدى. ھازىر، نۇرغۇن دۆلەتلەر نەزەر دائىرىسىنى سىرتقا بولۇپمۇ جۇڭگونى ۋەكىل قىلغان يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازارغا قاراتماقتا. يەنە بىر جەھەتتىن، ئېلىمىزنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرى بولۇپمۇ شەرقىي قىسىمدىكى دېڭىز بويى رايونلىرى ئىشچى ئىشلىتىش تەننەرخى، يەر بايلىقى جەھەتتە بوغما ھالەتتە تۇرماقتا. غەربىي قىسىم رايونلارنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى بىر قەدەر زور بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى سودا جەمئىيىتىنىڭ بىر تۈرلۈك ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، ياۋروپادىكى يېرىمدىن ئارتۇق كارخانىلار ئوتتۇرا ۋە غەربىي قىسىم رايونلارغا بولۇپمۇ شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.»

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر