باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چەتئەللىك مۇخبىرلار نەزىرىدىكى جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا يەرمەنكىسى

2013.09.06 15:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  3 ــ نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا يەرمەنكىسىگە دۆلەت ئىچى – سىرتىدىن بولۇپ 600 دىن ئارتۇق مۇخبىر قاتناشقان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 100 گە يېقىن چەتئەللىك مۇخبىرلارمۇ بار، بۇ چەتئەل مېدىيالىرىنىڭ مۇخبىرلىرى جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا يەرمەنكىسىگە قانداق قارايدىغاندۇ؟ ئۇلار نېمىلەرنى تەشۋىق قىلىۋاتقاندۇ؟

  يەرمەنكە جەريانىدا 3 – سىنتەبىر گېرمانىيە «ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى» گېزىتىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى مارك ئاندېرسون بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم.

  ـــ بۇلتۇر 2 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ قۇرۇلغان

  گېرمانىيە «ۋولكسۋاگېن» ئاپتوموبىلى شىنجاڭ شىركىتىنىڭ بۇ يىل ئىشقا كىرىشىپ، تۇنجى ئاپتوموبىلنى ئىشلەپچىقارغانلىقى جۇڭگو – گېرمانىيە سودا ئالاقىسىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىۋاتقانلىقىغا شاھىد بولغان بولسا، يىلدىن ــ يىلغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلىۋاتقان جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا يەرمەنكىسى شىنجاڭنىڭ ئاسىيانىڭ مەركىزىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسىنىڭ تېخىمۇ ئېشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ،- دېدى مارك ماڭا خېلى ئۆلچەملىك خەنزۇ تىلىدا،- بۇ قېتىم مەن تۇنجى ئاپتوموبىلنىڭ ئىشلەپچىقىرىلغانلىقىنى خەۋەر قىلىش شۇنداقلا 3 – نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا يەرمەنكىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلدىم، مېنىڭچە شىنجاڭ تېخىمۇ زور تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشمەكتە.

  ـــ جۇڭگو – رۇسىيە سودا ئالاقىسىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن شىنجاڭغا قوشنا رۇسىيە ــ ئالتاي چېگرا رايونىنىڭ شىنجاڭ بىلەن بولغان سودا، مەدەنىيەت ئالاقىسى تېخىمۇ كۈچەيدى، جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا يەرمەنكىسى ئىككى تەرەپ سودا ئالاقىسىنىڭ كۈچىيىشىگە كاتتا سەھنە ھازىرلاپ بەردى،- دېدى غەربىي سىبېرىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى ئاندېرى ياندىكى تەرجىمانى ئارقىلىق ماڭا.ئاندېرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بۇنىڭ بىلەن 6 – قېتىم شىنجاڭغا كېلىشى بولۇپ، ھەريىلدىكى تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلەر ئۇنى شۇنچە ھەيران قالدۇرىدىكەن.

  ــ ئۈرۈمچىنىڭ قاتناش ئەھۋالى بۇرۇن تازا دىگەندەك ئەمەستى ، ھازىر 5 قەۋەتلىك ئېگىز كۆۋرۈكلەر پۈتۈپتۇ، يەنە مېترو قۇرۇلىشىمۇ قىلىنىۋېتىپتۇ، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان بولۇپمۇ كەلگۈسىدىكى بەش يىللىق چوڭ قۇرۇلۇش ئارقىلىق ئۈرۈمچىنىڭ قاتناش ئەھۋالىدا زور ئۆزگىرىش بولىدۇ، ئۈرۈمچى جۇڭگونىڭ 1 – سەپتىكى چوڭ شەھەرلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ، دەپ ئويلايمەن،- دېدى ئاندېرى.سىنگاپور بىرلەشمە ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ۋۇ خەنجۈن بىلەن بولغان سۆھبىتىم ئۇنىڭ 3 - سىنتەبىر چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرىغا بېرىپ مال سېتىۋالغانلىقىنى، كەچتە ئويۇن كۆرۈپ، تاماق يەپ تاكسى بىلەن ياتىقىغا قايتقانلىقى بىلەن باشلاندى.ــ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى زور بولماقتا، تەرەققىيات قانچە كۈچلۈك بولسا، ئىقتىسادىي كۈچى ئېشىپ بارسا مۇقىملىق شۇنچە كۈچىيىدىكەن، مەن شىنجاڭلىقلار جۈملىدىن ئۈرۈمچىلىكلەرنىڭ ئەتراپىدىكى زور ئۆزگىرىشلەرگە ناھايىتى رازىمەنلىكىنى، خۇشال ئىكەنلىكىنى بىلدىم، شىنجاڭلىقلارغا ھازىر زور تەرەققىيات پۇرسىتى يېتىپ كەلمەكتە، جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا يەرمەنكىسى بۇ پۇرسەتلەرنى روياپقا چىقىرىشتىكى، شىنجاڭلىقلارنىڭ ئۆزىنى تەشۋىق قىلىشىدىكى مۇھىم بىر سەھنىگە ئايلانماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}