مۇھىم خەۋەرلەر

ب د ت دوكلاتى: 2022-يىلى دۇنيا بويىچە يېمەكلىك ئىسراپچىلىقى 1 مىليارد توننىدىن ئېشىپ كەتتى

2024.03.29 15:21 مەنبە: خەلق تورى

  ب د ت مۇھىت- پىلان مەھكىمىسى 27-چېسلا كېنىيە پايتەختى نايروبىدا ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى يېمەكلىك ئىسراپچىلىقى كۆرسەتكۈچى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2022-يىلى يەر شارىدا بىر مىليارد 50 مىليون توننا يېمەكلىك ئىسراپ بولغان بولۇپ، يېمەكلىك ئىسراپچىلىقى ۋە زىيىنى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ.

  30-مارت ب د ت «خەلقئارا نۆل كېرەكسىز نەرسە كۈنى» ھارپىسىدا، ب د ت مۇھىت پىلان مەھكىمىسى «يېمەكلىك ئىسراپچىلىقى كۆرسەتكۈچى دوكلاتى2024»نى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: 2022-يىلى دۇنيا بويىچە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە يېمەكلىك ئىسراپ بولۇش مىقدارى 132 كىلوگىرام بولۇپ، ئىستېمالچىلار ئېرىشەلەيدىغان يېمەكلىك ئومۇمىي مىقدارىنىڭ بەشتىن بىرىنى ئىگىلەيدۇ. نۆۋەتتە، دۇنيادا يەنىلا 783 مىليون ئادەم ئاچارچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ، بۇ ئىسراپ قىلىنغان يېمەكلىكلەرنىڭ «ئەڭ مۇتەئەسسىپ باھالاش» ئارقىلىق ھېسابلاپ چىقىلغان ئىستېمال قىلىشقا بولىدىغان قىسمى بىلەن دۇنيادىكى ئاچارچىلىقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان رايونلاردىكى ھەربىر ئادەمنى كۈنىگە 1.3 ۋاق تاماق بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ.

  دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: يېمەكلىك ئىسراپچىلىقى پەقەت ئاشۇ باي دۆلەتلەردىلا كۆرۈلمەيدۇ، ئەمەلىيەتتە كىرىم سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، يېمەكلىك ئىسراپچىلىقى ئىنتايىن ئېغىر، ئائىلىلەردە يۈز بەرگەن يېمەكلىك ئىسراپچىلىقى تېخىمۇ ئېغىر. 2022-يىلى، يەر شارى بويىچە ئىسراپ بولغان يېمەكلىكلەرنىڭ %60 ى ئائىلە قاتلىمىدىن كەلگەن، ئۇنىڭدىن باشقا يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمەت كەسپى %28 نى، پارچە سېتىش كەسپى %12 نى ئىگىلىگەن.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ