شى جىنپىڭ سىرى لانكا زۇڭلىسى گۇنناۋاردېنا بىلەن كۆرۈشتى

2024.03.28 09:23 مەنبە: خەلق تورى

  3-ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن سىرى لانكا زۇڭلىسى گۇنناۋاردېنا بىلەن كۆرۈشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جەي جىيەنلەن فوتوسى

  3-ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن سىرى لانكا زۇڭلىسى گۇنناۋاردېنا بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - سىرى لانكا دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئىككى دۆلەت خەلقلىرى تەبىئىي يېقىنلىق تۇيغۇسىغا ئىگە. جۇڭگو - سىرى لانكا مۇناسىۋىتىنى ياخشى مۇستەھكەملەش، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئىتى ۋە ئورتاق ئارزۇسىغا ئۇيغۇن. جۇڭگو تەرەپ سىرى لانكا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، «مۇستەقىل ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىش»تىن ئىبارەت «گۈرۈچ - كاۋچۇك كېلىشىمى» روھىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىپ، جۇڭگو بىلەن سىرى لانكىنىڭ ئۆزئارا سەمىمىي ياردەم بېرىش، ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈشتەك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ سىرى لانكىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى، مىللەتنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغدىشىنى، ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، داۋاملىق تۈردە سىرى لانكىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن ياردەم بېرىدۇ. ئىككى تەرەپ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىش، بولۇپمۇ كولومبو پورت شەھىرى ۋە خامبانتوتا ئۇنىۋېرسال ئېچىش تۈرىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ بايراقدار تۈرنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەشيا ئوبوروتى، ئېنېرگىيە، كەسىپ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل ئىقتىساد، پاكىز ئېنېرگىيە، مەدەنىيەت - ساياھەت، دېڭىز - ئوكيان ئىقتىسادى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ سىرى لانكىنىڭ خاس ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنى سىرى لانكىغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشىگە ئىلھام بېرىشنى خالايدۇ، سىرى لانكا تەرەپنىڭ ئادىل، ئاشكارا تىجارەت - سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. جۇڭگو تەرەپ سىرى لانكا تەرەپ بىلەن يېزا - كەنتلەردە نامراتلارنى ئازايتىش جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، سىرى لانكىنىڭ ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ، ئىككى تەرەپ تىنچ بىللە تۇرۇش بەش پىرىنسىپىنى يەنىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - سىرى لانكىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى ۋە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ياخشى قوغداپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  گۇنناۋاردېنا مۇنداق بىلدۈردى: سىرى لانكا بىلەن جۇڭگو ئەنئەنىۋى دوست. سىرى لانكا تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي، قاتتىق ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىق سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگونى باشتىن - ئاخىر تاشقى مۇناسىۋەتتە ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ. سىرى لانكا تەرەپ جۇڭگونىڭ سىرى لانكا قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان پەيتتە ھەمىشە ياردەم قولىنى ۋاقتىدا سۇنغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ، سىرى لانكا بىلەن جۇڭگو تەقدىرداش، ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولىدىغان دوستلار. كولومبو پورت شەھىرى ۋە خامبانتوتا ئۇنىۋېرسال ئېچىش تۈرى قاتارلىق تۈرلەر سىرى لانكىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە جانلاندۇردى، شۇنداقلا رايون ئومۇمىي تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە ئاكتىپ كۈچ قوشتى، سىرى لانكا تەرەپ پائال قوللايدۇ ۋە قاتنىشىدۇ. سىرى لانكا تەرەپ داۋاملىق تۈردە جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، تىنچ بىللە تۇرۇش بەش پىرىنسىپىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سىرى لانكا - جۇڭگو دوستانە مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىساد - سودا، مائارىپ، ساياھەت، نامراتلارنى ئازايتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، خەلقئارا كۆپ تەرەپلىك پىكىر ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ