شى جىنپىڭ گوللاندىيە باش ۋەزىرى رۇتتې بىلەن كۆرۈشتى

2024.03.28 09:20 مەنبە: خەلق تورى

  3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا خىزمەت زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن گوللاندىيە باش ۋەزىرى رۇتتې بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو - گوللاندىيە مۇناسىۋىتى مۇقىم، ساغلام، تېز تەرەققىي قىلدى، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى سىجىل چوڭقۇرلاشتى، گوللاندىيە ئىسمى - جىسمىغا لايىق جۇڭگو - ياۋروپا ھەمكارلىقىنىڭ «دەرۋازا»سىغا ئايلاندى. جۇڭگو تەرەپ گوللاندىيە تەرەپ بىلەن ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىلىكلەر ئالاقىسىنى ساقلاپ، پىكىر ئالماشتۇرۇش، سۆھبەتلىشىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن گوللاندىيەنىڭ ئوچۇق، ئەمەلىي بولغان ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ گوللاندىيەنىڭ ئەلا سۈپەتلىك تاۋارلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ، گوللاندىيە كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىدۇ، شۇنداقلا گوللاندىيە تەرەپنىڭ جۇڭگو كارخانىلىرىنى ئادىل، ئاشكارا بولغان تىجارەت - سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىككى تەرەپ يېزا ئىگىلىكى، سۇچىلىق، ئېنېرگىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەنئەنىۋى ھەمكارلىقنى پائال ئالغا سىلجىتىش بىلەن بىللە، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش، ياشانغانلار ئىقتىسادى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى ئېچىشى كېرەك. ئىككى تەرەپنىڭ خادىملارنىڭ بېرىش - كېلىشىنى قولايلاشتۇرىدىغان تېخىمۇ كۆپ تەدبىرلەرنى داۋاملىق قوللىنىپ، مائارىپ، مەدەنىيەت ۋە خەلقلەر ئارا ئالماشتۇرۇشقا ئىلھام بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو تەرەپ گوللاندىيە تەرەپ بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، دۇنيا سودا تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك ئاپپاراتلاردىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى قاتارلىق يەرشارىۋى خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشى گەرچە تەتۈر شامالغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن تارىخىي چوڭ يۈزلىنىشى ئۆزگەرمەيدۇ، «ئىلمەكتىن ئاجرىتىپ زەنجىرنى ئۈزۈش»نىڭ چىقىش يولى يوق، ئوچۇق ھەمكارلىشىش بىردىنبىر تاللاش. جۇڭگو تەرەپ باشتىن - ئاخىر مۇنداق قارايدۇ: بىرى يېڭىپ، بىرى يېڭىلىدىغان، قارا بولمىسا چوقۇم ئاقلا دەيدىغان ئىككى مەنبەلىك قارشىلىشىش تەپەككۇرىنىڭ ۋاقتى ئاللىبۇرۇن ئۆتتى، ھەقىقىي بىخەتەر بولغان دۇنيا چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان، ئۆزئارا تايىنىدىغان دۇنيا بولۇشى كېرەك. سۈنئىي ئۇسۇلدا پەن - تېخنىكا توسۇقى پەيدا قىلىش، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنى ئايرىۋېتىش پەقەت بۆلۈنۈش ۋە قارشىلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. جۇڭگو خەلقىنىڭمۇ ھەققانىي تەرەققىي قىلىش ھوقۇق - مەنپەئىتى بار، ھەرقانداق كۈچ جۇڭگو پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇيالمايدۇ. جۇڭگو باشتىن - ئاخىر تەڭ نەپ ئېلىش ئىدىيەسىگە ئەمەل قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى سىجىل كېڭەيتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىللە تەرەققىيات پايدىسىدىن ئورتاق بەھرىلىنىدۇ. جۇڭگو ياۋروپاغا قاراتقان سىياسىتىدە داۋاملىق مۇقىم بولۇشنى ساقلايدۇ، ياۋروپانى كۆپ قۇتۇپلاشقان دۇنيادىكى مۇھىم بىر قۇتۇپ ۋە ھەمكارلىق ھەمراھى دەپ قارايدۇ. گوللاندىيە تەرەپنىڭ داۋاملىق تۈردە جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى، ئىجابىي مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  رۇتتې مۇنداق بىلدۈردى: 2013 - يىلى مەن باش ۋەزىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن جۇڭگودا تۇنجى قېتىم زىيارەتتە بولدۇم، بولۇپمۇ 2014 - يىلى رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن بىللە گوللاندىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئوچۇق، ئەمەلىي بولغان ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنى ئورتاق جاكارلىغاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ياخشى تەرەققىياتنى ساقلاپ كەلدى، سودا سوممىسى بىر قاتلاندى، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىدا غايەت زور يوشۇرۇن كۈچ ۋە ئىستىقبال نامايان بولدى. «ئىلمەكتىن ئاجرىتىپ زەنجىرنى ئۈزۈش» گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەت تاللىشى ئەمەس، چۈنكى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق قىلمىش ئوخشاشلا ئۆزىگە زىيان سالىدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ گوللاندىيە پۇقرالىرىنىڭ جۇڭگوغا بېرىشىنى 15 كۈنلۈك ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش ئىمتىيازى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. گوللاندىيە تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋەتنى قەدىرلەيدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ھەمراھلىق مۇناسىۋەتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خادىملارنىڭ بېرىش - كېلىشىنى قولايلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد - سودا، كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، 20 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سورۇنلار، شۇنداقلا خەلقئارا ۋە رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىدە پىكىر ئالماشتۇرۇش، ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

  ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ