شى جىنپىڭ ئامېرىكا سودا - سانائەت ساھەسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئىلىم ساھەسىدىكى ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى

2024.03.28 09:11 مەنبە: خەلق تورى

  3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئامېرىكا سودا - سانائەت ساھەسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئىلىم ساھەسىدىكى ۋەكىللەر بىلەن كوللېكتىپ كۆرۈشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

  3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئامېرىكا سودا - سانائەت ساھەسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئىلىم ساھەسىدىكى ۋەكىللەر بىلەن كوللېكتىپ كۆرۈشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن خۇڭ فوتوسى

  3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئامېرىكا سودا - سانائەت ساھەسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئىلىم ساھەسىدىكى ۋەكىللەر بىلەن كوللېكتىپ كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ ئامېرىكا سودا - سانائەت ساھەسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئىلىم ساھەسىدىكى زاتلارنىڭ باھار كېلىپ گۈللەر ئېچىلغان پەيتتە جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ بىرى. جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىشىشى ياكى قارشىلىشىشى ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بەخت - سائادىتى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى بىر - بىرىنىڭ پۇرسىتى. ئىككىلا تەرەپ قارشى تەرەپنى ھەمراھ دەپ قاراپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، تىنچ بىللە تۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئالسىلا، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ياخشى بولۇپ كېتىدۇ. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقى. جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى تارىخى ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستانە ئالاقىلىشىش تارىخى، ئىلگىرى خەلققە تايىنىپ يېزىلغان، كەلگۈسىدە تېخىمۇ خەلققە تايىنىپ يارىتىلىدۇ. جۇڭگودا، ياخشى بولماق تەس، يامان بولماق ئاسان دەيدىغان سۆز بار. ئىككى دۆلەتتىكى ھەر ساھە زاتلارنىڭ كۆپرەك بېرىش - كېلىش قىلىپ، كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملەپ، ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، تۈرلۈك كاشىلىلارنى تۈگىتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ ھەقىقىي بەخت - سائادەت ئېلىپ كېلىشى، دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ ئامېرىكا تەرەپ ۋەكىللىرىنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم ئۇلار كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە بىر - بىرلەپ ئىنكاس قايتۇردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو ئىقتىسادى ساغلام، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولماقتا. بۇلتۇر جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى داۋاملىق %30تىن ئاشتى، بۇنى جۇڭگو خەلقى ئىشلەش ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈرگەن، شۇنداقلا بۇ، خەلقئارا ھەمكارلىقتىن ئايرىلالمايدۇ. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارنى باشتىن كەچۈرۈپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلدى، ئىلگىرى «جۇڭگو گۇمران بولۇش سەپسەتىسى» سەۋەبلىك گۇمران بولمىدى، بۈگۈنمۇ «جۇڭگو چوققىغا يەتتى سەپسەتىسى» سەۋەبلىك چوققىدا توختاپ قالمايدۇ. بىز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ھەم جۇڭگو خەلقىنى ئۈزلۈكسىز تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىمىز، شۇنداقلا دۇنيانىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز. جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق، بىزدە مۇشۇنداق جاسارەت ۋە ئىشەنچ بار.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مەن كۆپ قېتىم ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ چوڭ قەدەم بىلەن دەۋرگە يېتىشىۋېلىشىدىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەر، دېگەنىدىم. جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتى توختاپ قالمايدۇ، ئېچىۋېتىش قەدىمى توختاپ قالمايدۇ. بىز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر بىر قاتار مۇھىم تەدبىرلەرنى پىلانلاۋاتىمىز ۋە يولغا قويۇۋاتىمىز، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان بىرىنچى قاتاردىكى تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل بەرپا قىلىپ، ئامېرىكا كارخانىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرىنى تېخىمۇ كەڭ تەرەققىيات بوشلۇقى بىلەن تەمىنلەيمىز. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتىدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆرۈلگەن يېڭى ئەھۋال، يېڭى ئۆزگىرىشلەرگە قارىتا، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا پايدا - مەنپەئەت يەتكۈزۈش، باراۋەر كېڭىشىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي قانۇنىيەت ۋە بازار قائىدىسى بويىچە ئىش قىلىپ، ئىقتىساد - سودىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر - بىرىنىڭ تەرەققىيات ھوقۇق - مەنپەئىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا تەڭ نەپ ئېلىش ۋە دۇنيا تەڭ نەپ ئېلىش ئۈستىدە ئىزدىنىشى كېرەك. ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشقا تېخىمۇ كۆپ قاتنىشىشىنى، جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى ئىقتىساد - سودا پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشىنى، داۋاملىق جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىپ، جۇڭگودا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، جۇڭگودا نەپ ئېلىشىنى قارشى ئالىمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ بىرنەچچە يىلدا، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقلارنى باشتىن كەچۈردى، شۇنداقلا كەسكىن خىرىسقىمۇ دۇچ كەلدى، بۇنىڭدىكى ساۋاقلارنى قوبۇل قىلىشقا ئەرزىيدۇ. جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئۆتمۈشكە قايتالمايدۇ، بىراق تېخىمۇ ياخشى كەلگۈسى بار بولىدۇ. بۇلتۇر مەن زۇڭتۇڭ بايدېن بىلەن سان فىرانسىسكودا ئۇچراشقاندىكى ئەڭ چوڭ ئورتاق تونۇش جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى مۇقىملىشىشى ۋە ياخشىلىنىشى كېرەك، دېگەندىن ئىبارەت بولغانىدى. ئۆتكەن بىرنەچچە ئايدا، ئىككى تەرەپ كوللېكتىپى مەن بىلەن زۇڭتۇڭ بايدېن ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشنى چۆرىدەپ، سىياسىي دىپلوماتىيە، ئىقتىساد - سودا، مالىيە، قانۇن ئىجرا قىلىش، زەھەر چەكلەش، كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقىنى ساقلاپ، ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. ھازىرقى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى ئازايماستىن، بەلكى تېخىمۇ كۆپەيدى. مەيلى ئىقتىساد - سودا، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ئەنئەنىۋى ساھەلەر بولسۇن، ياكى كىلىمات ئۆزگىرىشى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەر بولسۇن، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا بىر - بىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشى، ھەرگىزمۇ بىر - بىرىگە توسالغۇ بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش، خەلقئارا ۋە رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ماسلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، چوڭ دۆلەتنىڭ كۆڭلى - كۆكسى كەڭ بولۇش خىسلىتىنى نامايان قىلىپ، چوڭ دۆلەتكە خاس مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشىغا توغرا كېلىدۇ. ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، توغرا ئىستراتېگىيەلىك تونۇش تۇرغۇزۇپ، سەزگۈر مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە ئوڭۇشسىزلىقتىن مۇقىم بولۇشقا ئۆتۈشتەك ۋەزىيەتنى ساقلاپ، دوستانە ئۆتىدىغان توغرا يول ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، مۇقىم، ساغلام ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  ئامېرىكا - جۇڭگو مۇناسىۋىتى مەملىكەتلىك كومىتېتى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى گىرىنبېرگ، خېيشى گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى، قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى سۇ شىمىن، گاۋتۇڭ شىركىتىنىڭ باش لىدىرى، قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئەن مېڭ، خارۋارد داشۆ كېننېدى ھۆكۈمەت شۆيۈەنىنىڭ قۇرغۇچىسى، مۇدىرى ئەيلىسېن، ئامېرىكا - جۇڭگو سودا ئىشلىرى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ كومىتېت باشلىقى ئاللېن قاتارلىق ئامېرىكا تەرەپ ۋەكىللىرى سۆزىدە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ۋاقىت چىقىرىپ كۆرۈشكەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇلار مۇنداق بىلدۈردى: ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، جۇڭگو گەۋدىلىك ھالدا ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش ۋە تىپ ئۆزگەرتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كۈچلۈك ئېلاستىكلىقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قالتىس رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا كۈچ چىقىرىپ، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردى. جۇڭگو خەلقىنىڭ تەرەققىيات ھوقۇق - مەنپەئىتى ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەك. جۇڭگونىڭ ئۆز تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ۋە يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. قۇدرەتلىك، گۈللەنگەن جۇڭگو دۇنيانىڭ ئاكتىپ كۈچى. ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتى بىر - بىرىگە زىچ تايىنىدۇ، ئىككى دۆلەت تىنچلىقتا بىللە تۇرغاندىلا، ئاندىن ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ. «تۇسىدېد توزىقى» مۇقەررەرلىك ئەمەس. ئامېرىكا كارخانىلىرى جۇڭگو تەرەپ يېقىندا ئېلان قىلغان يەنىمۇ ئىسلاھ قىلىش، ئېچىۋېتىشكە دائىر بىر قاتار مۇھىم تەدبىرلەرنى ئالقىشلايدۇ، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئۈمىد بىلەن قارايدۇ، قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگودا داۋاملىق چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، جۇڭگو بىلەن ئۇزاق مەزگىللىك زىچ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ بايدېن بىلەن بۇلتۇر 11 - ئايدا سان فىرانسىسكودا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچرىشىپ، ئامېرىكىدىكى ھەر ساھەنىڭ ۋە دۇنيانىڭ ئامېرىكا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسىگە بولغان مۆلچەرى ۋە ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى. ئامېرىكا سودا - سانائەت ساھەسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئىلىم ساھەسى ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى قاتلام دەرىجىلىكلەر ئالاقىسى، ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا چۈشىنىش، ئىشىنىش ۋە ھەمكارلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەرشارىۋى خىرىسقا قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇپ، مۇقىم، ئىمكانىيەتلىك سىجىل، مول نەتىجىلىك ئامېرىكا - جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇشىنى قوللايدۇ.

  ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ