لى چياڭ گېرمانىيە باۋارىيە ئىشتاتىنىڭ باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى

2024.03.28 14:45 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 3-ئاينىڭ 27-كۈنى بېيجىڭدا گېرمانىيە باۋارىيە ئىشتاتىنىڭ باشلىقى سودېل بىلەن كۆرۈشتى.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يەرلىكلەر ھەمكارلىقى جۇڭگو-گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم ئاساسى، شۇنداقلا ھاياتىي كۈچ مەنبەسى. جۇڭگو باۋارىيە ئىشتاتى بىلەن ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى ھەمدە بۇنى ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ «ئۇل تېشى» قىلىشنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا توكلۇق ئاپتوموبىل، پاكىز ئېنېرگىيە، بىيو دورا ياساش، سۈنئىي ئەقىل، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. باۋارىيە ئىشتاتىنىڭ جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە داۋاملىق ئىجابىي رول ئوينىشىنى، بولۇپمۇ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا ئېلىش، يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۈلگىلىك رول ئويناپ، جۇڭگو-گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  سودېل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باۋارىيە ئىشتاتى جۇڭگو بىلەن زىچ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى. باۋارىيە ئىشتاتى «ئالاقىنى ئاجىزلاشتۇرۇش-ئۈزۈش» كە قارشى تۇرىدۇ، جۇڭگو بىلەن يېزا ئىگىلىكى، پەن-ېخنىكا، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى كېڭەيتىپ، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، تەڭ پايدا ئېلىشنى خالايدۇ.

  ۋۇ جېڭلوڭ يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ