مۇھىم خەۋەرلەر

ئامېرىكا «يۇلتۇز كېمىسى» راكېتاسىنى ئىككىنچى قېتىم سىناق قويۇپ بەرگەندە پارتلاش يۈز بەردى

2023.11.23 11:18 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش تېخنىكا شىركىتىنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد ئېغىر تىپتىكى توشۇغۇچى راكېتاسى «يۇلتۇز كېمىسى» ۋە ئالەم كېمىسىنى توپلاشتۇرۇش سىستېمىسى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى ئىككىنچى قېتىم سىناق قويۇپ بېرىلدى. راكېتا بوشلۇققا كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن 1-، 2-دەرىجىلىك راكېتا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئايرىلغان بولسىمۇ، ئەمما ياردەمچى ئىتتىرگۈچ ۋە ئۇچار كېمە ئارقا-ئارقىدىن پارتلاپ كەتتى.

  ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسىم ۋاقتى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 7 دە (بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 21 دە)، «يۇلتۇز كېمىسى» ئامېرىكىنىڭ تېكساس ئىشتاتىدىكى بوكاچكادىكى «يۇلتۇز كېمىسى» بازىسىدىن بوشلۇققا كۆتۈرۈلدى. بىۋاسىتە كۆرسىتىش كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا، بوشلۇققا كۆتۈرۈلگەندىن كېيىنكى ئۈچ مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، بىرىنچى ۋە ئىككىنچى راكېتا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئايرىلغان، ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي ياردەمچى ئىتتىرگۈچ پارتلاپ كەتكەن. ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالەم كېمىسىمۇ نىشانلانغان ئېگىزلىككە يېتىپ بېرىشتىن بۇرۇن پارتلاپ كەتكەن.

  «يۇلتۇز كېمىسى» ئېغىر تىپلىق توشۇغۇچى راكېتانىڭ ئومۇمىي ئېگىزلىكى 120 مېتىر، دىيامېتىرى تەخمىنەن 9 مېتىر بولۇپ، ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپقان، ئاستى قىسمى ئېگىزلىكى تەخمىنەن 70 مېتىر كېلىدىغان بىرىنچى دەرىجىلىك «دەرىجىدىن تاشقىرى ئېغىر تىپتىكى» ئىتتىرگۈچ، ئۈستۈنكى قىسمى ئېگىزلىكى تەخمىنەن 50 مېتىر كېلىدىغان ئىككىنچى دەرىجىلىك ئالەم كېمىسى ئىدى. بۇ يىل 4-ئاينىڭ 20-كۈنى، «يۇلتۇز كېمىسى» ۋە ئالەم كېمىسىنى توپلاشتۇرۇش سىستېمىسى تۇنجى قېتىم سىناق قىلىپ قويۇپ بېرىلگەندە، 1-، 2-دەرىجىلىك راكېتا ئايرىلىشتىن بۇرۇن پارتلاپ كەتكەن ئىدى.

  ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش تېخنىكا شىركىتى تور بېكىتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، «يۇلتۇز كېمىسى»نى تۇنجى قېتىم سىناق قىلىپ ئۇچۇرۇش نۇرغۇن تەجرىبە-ساۋاقلار بىلەن تەمىنلىگەن، راكېتا ۋە يەر يۈزىدىكى ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ كۆپ قېتىم دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى بىۋاسىتە ئىلگىرى سۈرگەن.

  «يۇلتۇز كېمىسى» قايتۇرۇپ كەلگىلى بولىدىغان راكېتاغا تەۋە بولۇپ، ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش تېخنىكا شىركىتىنىڭ ھازىرقى «ئوۋ بۈركۈتى 9» ۋە «ئوۋ بۈركۈتى ئېغىر تىپتىكى» توشۇغۇچى راكېتاسىدىنمۇ چوڭ، ئۇنىڭ لايىھە نىشانى ئادەم ۋە مالنى يەر شارى ئوربىتىسى، ئاي شارى ۋە مارسقا يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ