ئەرەب، ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى بىرلەشمە ۋەكىللەر ئۆمىكى جۇڭگودا زىيارەتتە بولىدۇ
2023.11.23 11:18 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ 11-ئاينىڭ 19-كۈنى ئەرەب، ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى بىرلەشمە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ 11-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە جۇڭگودا زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى فايسال، ئىئوردانىيەنىڭ مۇئاۋىن باش ۋەزىرى قوشۇمچە دىپلوماتىيە ۋەزىرى سافادى، مىسىر دىپلوماتىيە مىنىستىرى شۇكرى، ھىندونېزىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى رېتنو، پەلەستىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى مالىك ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى تاھانى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. زىيارەت مەزگىلىدە، جۇڭگو ئەرەب، ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى بىرلەشمە ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن نۆۋەتتىكى پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنى پەسەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، پۇقرالارنى قوغداش، پەلەستىن مەسىلىسىنى ئادىل ھەل قىلىش توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرىدۇ ۋە ماسلاشتۇرىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ