مۇھىم خەۋەرلەر

2023-يىلى خاتىرىلەنگەندىن بۇيانقى ئەڭ ئىسسىق بىر يىلمۇ؟

2023.06.20 10:44 مەنبە: خەلق تورى

  2023-يىلى خاتىرىلەنگەندىن بۇيانقى ئەڭ ئىسسىق بىر يىل بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

  يېقىندا، دۆلىتىمىزنىڭ شىمالىدىكى نۇرغۇن جايلاردا تېمپېراتۇرا 40 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ، نۇرغۇن كىشى ئىسسىقتىن ھەيران بولغان.

  ئەمەلىيەتتە، «كاۋاپ» قىلىنىۋاتقىنى يالغۇز دۆلىتىمىزلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيا. تەتقىقاتچىلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۇنيادىكى دېڭىز ئوكيان تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆرلىشى ۋە تىنچ ئوكياندىكى ئېل نىنونىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، 2023-يىلى خاتىرىلەنگەندىن بۇيانقى ئەڭ ئىسسىق بىر يىل بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، يەر شارى «نامەلۇم ساھە»گە قاراپ ماڭماقتا.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى، خاتىرىلەنگەندىن بۇيانقى ئەڭ ئىسسىق بىر يىل 2016-يىلى بولۇپ، بۇ ئايدىكى تېمپېراتۇرا خاتىرىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، 2023-يىلىدىكى تېمپېراتۇرا 2016-يىلىغا يېقىنلىشىشى مۇمكىن ئىكەن. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يەر شارىنى كۆزىتىش پىلانى-كوپېرنىك پىلانىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، تېمپېراتۇرا چوققا قىممىتى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى كۆرۈلگەن، ئەينى ۋاقىتتا يەر شارىنىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 16.7 سېلسىيە گىرادۇس بولۇپ، 2016-يىل 8-ئاينىڭ 13-كۈنى خاتىرىلەنگەندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن 0.1 سېلسىيە گىرادۇس تۆۋەن بولغان.

  دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، گەرچە ئىنسانلار قوزغاتقان كىلىمات ئۆزگىرىشى يەنىلا يەر شارىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئۆرلىتىۋەتكەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ يىل بۇ مۇساپىنىڭ تېزلەشكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپات يوق.

  كىلىمات ئۆزگىرىشى ھازىرقى تېمپېراتۇرىنى 1.3 سېلسىيە گىرادۇس ئۆرلەتكەندىن باشقا، ئالاھىدە ئىللىپ كېتىش شارائىتى قوشۇلۇپ، تېمپېراتۇرادا يېڭى رېكورت يارىتىلدى. بىر نەچچە ئايدىن بۇيان، ئالىملار ئىزچىل ئاگاھلاندۇرۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بىر قاتار دېڭىز-ئوكيان ئىسسىق دولقۇنى بولغاچقا، دېڭىز يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئىزچىل تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە تۇرۇۋاتىدۇ، دېدى. 6-ئاينىڭ 11-كۈنى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكياننىڭ تېمپېراتۇرىسى ئەڭ يۇقىرى نۇقتا 22.7 سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىپ، 2010-يىلى 6-ئايدىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورتتىنمۇ 0.5 سېلسىيە گىرادۇس يۇقىرى بولغان.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ