جاۋ لېجى نېپال فېدېراتسىيە پالاتاسىنىڭ رەئىسى تىمىلسىنا بىلەن سۆھبەتلەشتى

2023.06.16 08:41 مەنبە: خەلق تورى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى 6 - ئاينىڭ 12 - كۈنى خەلق چوڭ سارىيىدا نېپال فېدېراتسىيە پالاتاسىنىڭ رەئىسى تىمىلسىنا بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  جاۋ لېجى مۇنداق بىلدۈردى: 2019 - يىلى، رەئىس شى جىنپىڭ نېپالدا تارىخىي خاراكتېرلىك زىيارەتتە بولۇپ، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى جۇڭگو - نېپال مۇناسىۋىتىنى تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشكە يۈزلەنگەن ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈردى. جۇڭگو نېپال بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن نېپالنىڭ تېخىمۇ زىچ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  جاۋ لېجى مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن نېپالنىڭ تاغ - دەريالىرى تۇتاش، تەقدىرداش. ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن . جۇڭگو نېپالنىڭ بىر جۇڭگو سىياسىتىدە ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە ئالاقىدار ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە قىممەتلىك مەدەت بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى، ھەرقانداق كۈچنىڭ نېپال زېمىنىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگوغا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىغا يول قويماسلىق ۋەدىسىگە ئەمەل قىلغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ. جۇڭگو نېپالنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، نېپال ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ ئۆز دۆلەت ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللىغان تەرەققىيات يولىغا ھۆرمەت قىلىدۇ. «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان 10 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو - نېپال «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىقىدا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئىككى تەرەپ تاشيول، تۆمۈريول، ئاۋىياتسىيە، پورت، ئېلېكتىر تورى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىنى قۇرۇپ ۋە قوغداپ، ھىمالايادىن ھالقىغان ئىستېرېئولۇق ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش تورىنى داۋاملىق بەرپا قىلىپ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىش، كەسىپلەر باغچە رايونى، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو نېپالنىڭ دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىغا پائال ئىنكاس قايتۇرغانلىقىغا ۋە قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، نېپالنىڭ دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى قوللىشى ۋە قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ، رايون ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشىنى قارشى ئالىدۇ.

  جاۋ لېجى مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو - نېپال قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرى ئىزچىل ياخشى ئالاقىنى ساقلاپ كەلدى. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى نېپال فېدېراتسىيە پالاتاسى بىلەن ھەرقايسى قاتلام دەرىجىلىكلەر ئالاقىسىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، جۇڭگو - نېپال دوستلۇق ھەمكارلىقىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە خەلق رايى ئاساسىنى مۇستەھكەملەشنى؛ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق قانۇن ھۆججەتلىرىنى ۋاقتىدا چىقىرىپ، تەستىقلاپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىشنى؛ ھەرقايسى دۆلەت پارلامېنتلىرى ئىتتىپاقى، ئاسىيا پارلامېنت يىغىنى قاتارلىق كۆپ تەرەپ ئاپپاراتلىرىنىڭ ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى قوغداشنى خالايدۇ.جاۋ لېجى جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىيات يولىدا قەتئىي ئېغىشماي مېڭىش، يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، نەپ يەتكۈزۈش، كەڭ قورساق بولۇشتەك ئەتراپ دىپلوماتىيەسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇشقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

  تىمىلسىنا مۇنداق بىلدۈردى: نېپال بىلەن جۇڭگو قەدىمدىن تارتىپ جۇغراپىيە، مەدەنىيەت، ئەنئەنە جەھەتتە زىچ باغلانغان. نېپال بىر جۇڭگو سىياسىتىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، ھەرقانداق كۈچنىڭ نېپال زېمىنىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگوغا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىغا يول قويمايدۇ. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش نېپالغا ھەقىقىي تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى ئېلىپ كەلدى. نېپال فېدېراتسىيە پالاتاسى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان دوستلۇق ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇل ئەسلىھە، سودا، ساياھەت، ئادىمىيەت، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرىنىڭ ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.

  سەي دافېڭ سۆھبەتكە قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ