لى چياڭ، جاۋ لېجى، لى شى قاتارلىقلار ھوندۇراس زۇڭتۇڭى كاسترو بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى

2023.06.14 10:13 مەنبە: خەلق تورى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 13-چېسلاچۈشتىن بۇرۇن خەلق چوڭ سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەن ھوندۇراس زۇڭتۇڭى كاسترو بىلەن كۆرۈشتى.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل 3-ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ خانىم ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش مۇھىم سىياسىي قارارىنى چىقىرىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى بىر بېتىنى ئاچتى. جۇڭگو ھوندۇراس تەرەپنىڭ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىسى ۋە تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇشنى تاللىغانلىقىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ. جۇڭگو ھوندۇراس بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى ساھەدىكى ھەمكارلىقنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى، جۇڭگو ھوندۇراس بىلەن يېڭى دوست، يېڭى ھەمراھتۇر، ئەڭ مۇھىمى ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، باراۋەر ئاساستا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھلاردىن بولۇشى كېرەك. جۇڭگو ھوندۇراس تەرەپنىڭ مۇستەقىل، ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، كۆپ تەرەپلىك ئىشلاردا ھوندۇراس تەرەپ بىلەن ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئورتاق قوغداپ، دۇنياۋى خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ ئەمەلىي ھەمكارلىقنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ھەمكارلىق نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى نامايان قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشى كېرەك. جۇڭگو ھوندۇراس بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ سودا يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، ھوندۇراسنىڭ ئۆزگىچە مەھسۇلاتلىرىنى جۇڭگوغا يەتكۈزۈش كېلىشىمىنىڭ كېيىنكى ئىشلىرىنى چىڭ تۇتۇپ جىپسىلاشتۇرۇپ، ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبىتىنى بالدۇرراق باشلاپ، مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ھەمكارلىقىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى تۈر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشنى خالايدۇ. ھوندۇراسنىڭ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشىگە ياخشى، قولايلىق مەبلەغ سېلىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. جۇڭگو ھوندۇراسنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش چوڭ ئائىلىسىنىڭ يېڭى ئەزاسىغا ئايلانغانلىقىنى قارشى ئالىدۇ، ھوندۇراس تەرەپ بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ.

  كاستىرو مونۇلارنى بىلدۈردى: ھوندۇراس ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگونىڭ ھوندۇراس بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن كېيىن ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىگەن نۇرغۇن نەتىجە-ئۈنۈملۈك خىزمەتلىرىگە رەھمەت ئېيتىدۇ. ھوندۇراس تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار مۇھىم تەشەببۇسلارنى قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە يېزا ئىگىلىكى، نامراتلارنى ئازايتىش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھوندۇراس-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم، ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

  چىن گاڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى 13-چېسلا بېيجىڭدا ھوندۇراس زۇڭتۇڭى كاسترو بىلەن كۆرۈشتى.

  جاۋ لېجى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ھوندۇراسنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ۋاقتى گەرچە قىسقا بولسىمۇ، لېكىن ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول. بۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ تارىخىي ئېقىمىغا ماسلاشقانلىقى، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جۇڭگو ھوندۇراس تەرەپ بىلەن ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ 12-چېسلادىكى تارىخىي ئۇچرىشىشىدا ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو-ھوندۇراس مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم، ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جاۋ لېجى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقنى مەركەز قىلىش ئىدىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىنى تونۇشتۇردى، جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھوندۇراس پارلامېنتى بىلەن كۆپ قاتلاملىق، كۆپ ساھەلىك، كۆپ شەكىللىك ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كاسترو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيانقى تەرەققىياتى، بولۇپمۇ مېنىڭ بۇ قېتىمقى جۇڭگودىكى زىيارىتىمنىڭ نەتىجىسى ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشىنىڭ تامامەن توغرا تارىخىي تاللاش ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. ھوندۇراس بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.جاڭ چىڭۋې قاتارلىقلار كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى شى 13-چېسلا بېيجىڭدا ھوندۇراس زۇڭتۇڭى كاسترو بىلەن كۆرۈشتى.

  لى شى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو-ھوندۇراس ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە كاسترو زۇڭتۇڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، زۇڭتۇڭ خانىم بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى. جۇڭگو-ھوندۇراس دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ئادەتتىن تاشقىرى رىتىم بىلەن ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دەسلەپكى مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگو-ھوندۇراسنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە نەپ يەتكۈزىدىغان توغرا قارار ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. لى شى جۇڭگونىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ئاستىدا، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىگە ئالاقىدار ئەھۋال ۋە تەجرىبە تەسىراتلىرىنى سىستېمىلىق تونۇشتۇردى، جۇڭگونىڭ ھوندۇراس بىلەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش بويىچە خەلقئارالىق ھەمكارلىقتا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كاسترو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھوندۇراس بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى ئېتىراپ قىلىدۇ ھەمدە مۇشۇ ئاساستا جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. ھوندۇراس جۇڭگونىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئىدىيەسى ۋە نەتىجىلىرىگە يۈكسەك باھا بېرىدۇ، جۇڭگونىڭ ئالاقىدار تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ ئۆرنەك قىلىشنى خالايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ