شى جىنپىڭ ھوندۇراس زۇڭتۇڭى كاستىرو بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

2023.06.14 10:11 مەنبە: خەلق تورى

  6 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەن ھوندۇراس زۇڭتۇڭى كاستىرو بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

  6 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەن ھوندۇراس زۇڭتۇڭى كاستىرو بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: زۇڭتۇڭ كاستىرو تۇنجى بولۇپ جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان ھوندۇراس زۇڭتۇڭى، سىزنىڭ زىيارىتىڭىز جۇڭگو - ھوندۇراس مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى تارىخىي سەھىپىسىنى ئاچتى. بۇ يىل 3 - ئايدا جۇڭگو ھوندۇراس بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە تېز قەدەم تاشلىنىپ، باشلىنىش ياخشى بولۇپ، جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى ۋە كەڭ ئىستىقبالى نامايان بولدى. جۇڭگو بىلەن ھوندۇراس دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشتىكى تۆھپە بۈگۈنكىلەرگە، پايدىسى كېينكىلەرگە بولىدۇ. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو بىلەن ھوندۇراسنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي راۋاجلاندۇرىدۇ، ھوندۇراسنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى قەتئىي قوللايدۇ، ھوندۇراس بىلەن ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، باراۋەر ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھلاردىن بولۇشنى خالايدۇ. مەن سىز بىلەن بىرلىكتە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە كەلگۈسى نۇقتىدىن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر راۋاجلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ گۈزەل ئارزۇسىنى ئەمەلىي نەتىجىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىشنى خالايمەن. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو - ھوندۇراس مۇناسىۋىتى چوقۇم پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىپ، پارلاق كەلگۈسىگە قاراپ ماڭىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ توغرا يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. بىر جۇڭگو پىرىنسىپى جۇڭگو بىلەن ھوندۇراسنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ۋە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرتى ۋە سىياسىي ئاساسى، ھوندۇراس تەرەپنىڭ بۇنى كەم - كوتسىز جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. جۇڭگو تەرەپ ھوندۇراس تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىقىنى قوغداش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قەتئىي قوللايدۇ، ھوندۇراس تەرەپنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىنى ئۆز ئالدىغا تاللىشىنى قوللايدۇ، ھەرقانداق تاشقى كۈچنىڭ ھوندۇراسنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىدۇ، ھوندۇراس تەرەپ بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقنى تۈگىتىش، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش قاتارلىق تەجرىبىلەردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى خالايدۇ، ھۆكۈمەت، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتى، سىياسىي پارتىيە، يەرلىكنىڭ ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى ھەر تەرەپلىمە قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ. ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيەنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسىنى بەرپا قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ھوندۇراس تەرەپنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرىنىڭ بالدۇرراق جۇڭگو بازىرىغا كىرىشىگە پائال تۈرتكە بولىدۇ، ھوندۇراس تەرەپ بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمى ئۈستىدە كېڭىشىش مۇساپىسىنى بالدۇرراق باشلاشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ ئادىمىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو - ھوندۇراس دوستلۇقىنىڭ خەلق رايى ئاساسىنى پۇختىلىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ھوندۇراس تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا تەرتىپ ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى ئورتاق قوغداپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى ۋە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ھوندۇراسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو − لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى مۇنبىرى قۇرۇلۇشى ۋە جۇڭگو − لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ بىر پۈتۈن ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  كاستىرو مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ھوندۇراس ھۆكۈمىتى چىقارغان تارىخىي تاللاش بولۇپ، مۇقەررەر تارىخ سەھىپىسىگە پۈتۈلىدۇ. ھوندۇراس تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى قەتئىي قوللايدۇ ھەم ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قەتئىي قوللايدۇ. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو ئۇلۇغ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈردى، ھوندۇراس تەرەپ بۇنىڭغا چوڭقۇر قايىل. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى ۋە يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى دۇنيا خەلقلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تېخىمۇ تىنچ، بىخەتەر دۇنيا قۇرۇشقا پايدىلىق، ھوندۇراس تەرەپ بۇنىڭغا يۈكسەك باھا بېرىدۇ ھەم پائال قاتنىشىدۇ. ھوندۇراس تەرەپ جۇڭگو بىلەن دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ھوندۇراس تەرەپنىڭ تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشىشىگە ياردىمى بولىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ. ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى ھەمكارلىقنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى ھوندۇراس تەرەپنى كەلگۈسىگە بولغان تولۇپ تاشقان ئىشەنچكە ئىگە قىلدى. ھوندۇراس تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن سودا، سېلىنما، ئۇل ئەسلىھە، تېلېگراف، ئېنېرگىيە، پەن - تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ھوندۇراس تەرەپ لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا پائال تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئىشىنىمەنكى، ھوندۇراس - جۇڭگو دوستلۇقى مۇقەررەر ۋاقىتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتۈپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ.

  سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش، سۈپەت تەكشۈرۈش، ئىقتىساد - سودا، يېزا ئىگىلىكى، پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈردىكى ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

  ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ھوندۇراس جۇمھۇرىيىتىنىڭ قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلدى.

  سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى سىرتىدىكى مەيداندا كاستىرو ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

  كاستىرو يېتىپ كەلگەندە، مۇراسىم ئەسكەرلىرى سەپكە تىزىلىپ ھۆرمەت بىلدۈردى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى پاراتنى كۆزدىن كەچۈرۈش مۇنبىرىگە چىقتى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو بىلەن ھوندۇراس ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى، تيەنئەنمېن مەيدانىدا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى. كاستىرو شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى.

  شۇ كۈنى كەچتە، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا كاستىرو ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.

  ۋاڭ يى، چىن گاڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ