شى جىنپىڭ پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئابباس بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

2023.06.15 09:23 مەنبە: خەلق تورى

  6 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەن پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئابباس بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا ئابباس ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

  6 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەن پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئابباس بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو - پەلەستىن ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنى جاكارلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - پەلەستىن ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، ئۆزئارا قوللايدىغان ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھلار. جۇڭگو پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى ۋە پەلەستىن دۆلىتىنى ئەڭ بالدۇر ئېتىراپ قىلغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، باشتىن - ئاخىر پەلەستىن خەلقىنىڭ مىللەتنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يولىدىكى ھەققانىي ئىشلىرىنى قەتئىي قوللاپ، پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ بالدۇرراق ئومۇميۈزلۈك، ئادىل، ئۇزاق مەزگىللىك ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ كەلدى. جۇڭگو تەرەپ پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا رەسمىي ئەزا دۆلەت بولۇشىنى قوللايدۇ، كۆپ تەرەپلىك سورۇنلاردا داۋاملىق پەلەستىن تەرەپ ئۈچۈن ئادالەت يولىدا ھەق سۆزلەپ، ئادالەتنى ياقلايدۇ، پەلەستىن تەرەپنى داۋاملىق قۇربىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بىلەن تەمىنلەپ، پەلەستىن تەرەپنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك جەھەتتە يولۇققان قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش، قايتا قۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشىغا ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ پەلەستىن تەرەپ بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى پۇرسەت بىلىپ، بىر - بىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان يادرولۇق مەسىلىلىرىدە داۋاملىق قەتئىي بىر - بىرىنى قوللاپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى دوستانە ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - پەلەستىن ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبىتىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پەلەستىن مەسىلىسى يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ئۇزاققا سوزۇلۇپ، پەلەستىن خەلقىگە چوڭقۇر، ئېغىر ئازاب - ئوقۇبەت ئېلىپ كەلدى، جەزمەن پەلەستىنگە ئادىللىقنى تېز قايتۇرۇپ بېرىش كېرەك. شى جىنپىڭ ئۈچ تۈرلۈك تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنچى، پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ چىقىش يولى 1967 - يىلىدىكى چېگرانى ئاساس قىلغان، شەرقىي يېرۇسالېمنى پايتەخت قىلغان، تولۇق ئىگىلىك ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدىغان مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇشتا. ئىككىنچى، پەلەستىننىڭ ئىقتىسادى، خەلق تۇرمۇشى ئېھتىياجى كاپالەتكە ئىگە بولۇشى، خەلقئارا جەمئىيەت پەلەستىننىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك جەھەتتىن ياردەم بېرىشنى زورايتىشى كېرەك. ئۈچىنچى، تىنچلىق سۆھبىتى توغرا يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. يېرۇسالېمدا تارىختا شەكىللەنگەن دىنىي مۇقەددەس جايلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا ھۆرمەت قىلىپ، چەكتىن ئاشقان ۋە ئىغۋاگەرچىلىك تۈسىگە ئىگە سۆز - ھەرىكەتلەرنى چۆرۈپ تاشلاپ، تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك، تېخىمۇ نوپۇزلۇق، تېخىمۇ تەسىرگە ئىگە خەلقئارا تىنچلىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تىنچلىق سۆھبىتىنى قايتىدىن باشلاشقا شارائىت يارىتىپ، پەلەستىن - ئىسرائىلىيە ئىككى دۆلەتنىڭ تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ھەقىقىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ پەلەستىن تەرەپنىڭ ئىچكى قىسىمدا يارىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، تىنچلىق سۆھبىتىگە تۈرتكە بولۇشتا ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دۇنيادىكى 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونى ۋەزىيىتىدىكى يېڭى ئۆزگىرىش ئالدىدا، جۇڭگو تەرەپ پەلەستىن قاتارلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - ئەرەب دۆلەتلىرى كوللېكتىپ ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى ۋە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداشنى خالايدۇ.

  ئابباس مۇنداق بىلدۈردى: مەن پەلەستىن خەلقىگە ۋاكالىتەن جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان پەلەستىن خەلقىنىڭ مىللەتنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يولىدىكى ھەققانىي ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى ۋە خالىس ياردەم بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. جۇڭگو پەلەستىن تەرەپ ئىشىنىدىغان دوست ۋە ھەمراھ. پەلەستىن تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ يادرولۇق مەنپەئەت مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى قەتئىي قوللايدۇ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ. پەلەستىن تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، پەلەستىن - جۇڭگو ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. پەلەستىن تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانى - ئىران سۆھبىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراشتۇرغانلىقىغا يۈكسەك ئاپىرىن ئوقۇيدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ بالدۇرراق ئادىل ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن كۆپ تۈرلۈك تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، پەلەستىن تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە ئادىل مەيدانىغا ئىشىنىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ پەلەستىننىڭ ئىچكى قىسىمدا يارىشىشقا تۈرتكە بولۇشى ھەمدە ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ تىنچلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو - پەلەستىن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 35 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن تارقىتىلغان تۇنجى كۈن لىپاپىسىغا بىرلىكتە ئىمزا قويدى ھەم ئىقتىساد - تېخنىكا ھەمكارلىق كېلىشىمى قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا گۇۋاھ بولدى.

  ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن پەلەستىن دۆلىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلدى.

  سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي چوڭ زالىدا ئابباس ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

  ئابباس يېتىپ كەلگەندە، تيەنئەنمېن مەيدانىدا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى، مۇراسىم ئەسكەرلىرى سەپكە تىزىلىپ ھۆرمەت بىلدۈردى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى پاراتنى كۆزدىن كەچۈرۈش مۇنبىرىگە چىقتى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو - پەلەستىن ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى. ئابباس شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى.

  شۇ كۈنى كەچتە، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك چوڭ زالىدا ئابباس ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.

  ۋاڭ يى، چىن گاڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ