مۇھىم خەۋەرلەر

خەلقئارادىكى ئوقۇمۇشلۇق زاتلار نېمە ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا چېتىشلىق كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدىكى يالغان گەپلىرىگە ئىشەنمەيدۇ؟

2023.06.20 01:10 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېقىندا ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش»نى باھانە قىلىپ، بەزى جۇڭگو كارخانىلىرىنى جازالاپ، ئامېرىكىنىڭ زومىگەرلىكىنى يەنە بىر قېتىم گەۋدىلەندۈردى. ئامېرىكا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭغا، شياڭگاڭغا، شىزاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەردە جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارقا-ئارقىدىن ئارىلىشىپ، تۈرلۈك يالغان-ياۋىداق گەپلەرنى توقۇپ چىقىپ، جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا قارا چاپلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرى ئۆز دۆلىتىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان ئىرقىي كەمسىتىش، قورال-ياراغ زوراۋانلىقى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر دەرىجىدە دەخلى-تەرۇز قىلىش مەسىلىلىرىنى ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىپ، ھېچ ئىش قىلمىدى.

  ۋاشىنگتوندىكى سىياسەتۋازلار نېمە ئۈچۈن جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا شۇنچە «كۆڭۈل بۆلىدۇ»، ئۆز دۆلىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ئېتىبارسىز قارايدۇ؟ ئەجەبا ئۇلارنىڭ «جۇڭگونى سۆيۈشى» ئامېرىكىنى سۆيۈشىدىن ئېشىپ چۈشەمدۇ؟

  كۇبا دىپلوماتىيە مىنىستىرى رودرىگېس دەل جايىدا قىلىپ مۇنداق دېدى: ۋاشىنگتوننىڭ مەنپەئەتىگە بويسۇنمايدىغان دۆلەتلەرنى تىزگىنلەش ۋە قورقۇتۇش ئۈچۈن ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇقنى بىر خىل قورال قىلىۋاتىدۇ.

  بۇ ئەمەلىيەتتە جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

  2022-يىل 10-ئاينىڭ 6-كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 51-نۆۋەتلىك يىغىنىدا ئامېرىكا باش بولۇپ تاپشۇرغان بىر تۈرلۈك شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر قارار لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلدى. ئامېرىكا بۇ لايىھەنى پروگرامما مەسىلىسىگە ئايلاندۇرماقچى بولدى، لېكىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزى روشەن بولۇپ، لايىھە كۆپ ساندىكى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ، ماقۇللانمىدى. بېلەت تاشلاش نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندا، يىغىن مەيدانىدا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى، كۆپ دۆلەت ئەلچىلىرى بەس-بەستە جۇڭگو ۋەكىللىرىنى تەبرىكلىدى.

  ئۇزاق ئۆتمەي، 10-ئاينىڭ 31-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى 3-كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا، 60 نەچچە دۆلەت ئورتاق سۆز قىلىپ، جۇڭگونىڭ شىنجاڭغا، شياڭگاڭغا، شىزاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەردىكى مەيدانىنى قوللاپ، كىشىلىك ھوقۇقنى باھانە قىلىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا قارشى تۇردى. يەنە 30 نەچچە دۆلەت ئۆز ئالدىغا سۆز قىلىش، بىرلىشىپ خەت ئەۋەتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق جۇڭگونى قوللىدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا خەلقئارا سورۇندا جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق تېمىسىنى ئۈزلۈكسىز كۆپتۈردى: شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ تۈرلۈك يالغان-ياۋىداق سۆزلەرنى ئۈزلۈكسىز ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، جۇڭگوغا «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش»، «ئىرقىي يوقىتىش» قاتارلىق قالپاقلارنى كىيدۈرۈشكە ئۇرۇندى؛ بۇلتۇر 12-ئايدا، ئاتالمىش «شىزاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى» مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىككى ئەمەلدارىنى قانۇنسىز جازالىدى؛ بۇ يىل 3-ئايدا، ئاتالمىش «2022-يىللىق دۆلەتلەر كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى» ئېلان قىلىپ، شياڭگاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق قانۇنچىللىق ئەھۋالىغا ھەدەپ قارا چاپلىدى...

  ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا ئۈزلۈكسىز قارا چاپلاش ھەرىكىتى دەل ئەكسىچە رول ئويناپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە ئامېرىكىنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى يەنىمۇ ئېنىق تونۇتتى.

  ئامېرىكا يالې داشۆسىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى سىتىفىن روچنىڭ قارىشىچە، بەزى ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى توغرىسىدىكى سۆزلىرى «سۇيىقەست نەزەرىيەسى»دىن تەركىب تاپقان بولۇپ، «پاكىت ئاساسىدا تەھلىل قىلىش كەمچىل». رۇسىيە ئاقىللار ئامبىرى «رۇسىيە-جۇڭگو ئانالىز مەركىزى»نىڭ مۇدىرى سېرگىي ساناكويېف مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قارشى تۇرۇپ شياڭگاڭنى مالىمان قىلىش كۈچلىرىنىڭ زوراۋانلىق جىنايى قىلمىشلىرىنى پەردازلىغانلىقى ئامېرىكىنىڭ شياڭگاڭ ئاھالىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە بەخت-سائادىتىگە ئەسلا قىزىقمايدىغانلىقىنى، كاللىسىدا پەقەتلا شەخسىي مەنپەئەتى ۋە زومىگەرلىكنى قوغداشلا بارلىقىنى، ئاتالمىش «كىشىلىك ھوقۇق»، «ئەركىنلىك»نىڭ پەقەت ئامېرىكىنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىدىكى نىقابى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

  نىكاراگۇئا دىپلوماتىيە مىنىستىرى مونكادا مۇنداق دەپ قارىدى: ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق مەسىلىلەردىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنۇشىدىكى مەقسىتى «جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىش». بۇ ئەمەلىيەتتە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىپ، ئۆزىنىڭ زومىگەرلىك ھوقۇقىنى قوغدىغانلىق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ