مۇھىم خەۋەرلەر

نامزاتلار ئېلان قىلىندى! شىنجاڭلىق بۇ ئوقۇتقۇچىلار تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى

2024.04.17 15:16 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتى مەھكىمىسى جۇڭگو ئوقۇتقۇچىلار تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى 2023-يىللىق يېزا-كەنتلەردىكى مۇنەۋۋەر ياش ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش-مۇكاپاتلاش پىلانى نامزاتلىرىنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى.

  ئۆلكە دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى كۆرسەتكەنلەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش، مەركەزلىك باھالاش، ئېلان قىلىش قاتارلىق ھالقىلار ئارقىلىق 299 ئوقۇتقۇچى تاللاندى، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭدىن (بىڭتۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) 15 ئوقۇتقۇچى تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى:

  1. لى شياڭ، ئەر، ئاقسۇ ۋىلايىتى كەلپىن ناھىيەسى يۈرچى يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپتىن

  2. تاڭ شەن، ئايال، تارباغاتاي ۋىلايىتى چۆچەك شەھىرى قاراقاباق يېزىلىق مەركىزىي مەكتەپتىن

  3. يەن يۈشياڭ، ئەر، ئۈرۈمچى ناھىيەلىك يۇڭفېڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىن

  4. ماۋ لۇ، ئايال، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى غۇلجا شەھىرى پەنجىم بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن

  5. لى يەنخۇا، ئايال، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خوشۇت ناھىيەلىك 6-باشلانغۇچ مەكتەپتىن

  6. شېن لياڭلياڭ، ئەر، تۇرپان شەھىرى توقسۇن ناھىيەسى بوستان بازىرى جىگدە مەكتىپىدىن

  7. لىڭ كەي، ئەر، خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسى مۇجى بازارلىق 2-مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپتىن

  8 . سائادەت ئابدۇراخمان، خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيەسى دول بازارلىق 1-ئوتتۇرا مەكتەپتىن

  9. لى تيەنبو، ئەر، قەشقەر ۋىلايىتى قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى تاشمىلىق يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن

  10. لى دەن، ئايال، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاتۇش شەھىرى ئاغۇ يېزىسى تۆۋەنمەھەللە كەنتى باشلانغۇچ مەكتەپتىنشىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى:

  1. بەي يىڭ ئايال 5-شى 84-تۈەن مەكتىپىدىن

  2. خۇاڭ لىنفېي، ئايال، 1-شى 12-تۈەن ئوتتۇرا مەكتىپىدىن

  3. جىن لۇ، ئايال، 3-شى 49-تۈەن مەكتىپىدىن

  4. خۇاڭ چيۇڭچيۇڭ، ئايال، 4-شى 64-تۈەن ئوتتۇرا مەكتىپىدىن

  5. شى زىجيې، ئەر، 14-شى 47-تۈەن ئوتتۇرا مەكتىپىدىنھەرقايسى ئۆلكە دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان يېزا-كەنت مۇنەۋۋەر ياش ئوقۇتقۇچىلىرىنى شۇ جايدىكى تايانچ ئوقۇتقۇچىلار، داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار، يېزا-كەنت باش ئوقۇتقۇچىلىرى تەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، نۇقتىلىق قوللىشى ۋە يېتىشتۈرۈشى كېرەك، جۇڭگو ئوقۇتقۇچىلار تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى خەلق مائارىپ نەشرىياتى بىلەن بىرلىشىپ، تاللانغان ئوقۇتقۇچىلارنى مۇكاپاتلاش ئۆلچىمى بويىچە ھەربىر ئادەمنى 10 مىڭ يۈەن پۇل بىلەن (باج تاپشۇرغاندىن كېيىن) مۇكاپاتلايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ