مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭ پوچتا ھەققىنى كۆتۈرەمدۇ؟ دۆلەت پوچتا ئىدارىسى ئىنكاس قايتۇردى

2024.04.03 14:07 مەنبە: خەلق تورى

  تاۋارلارنى تەكشۈرۈش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، شىنجاڭدا «پوچتا ھەققىنى كۆتۈرۈۋېتىش»نى يولغا قويۇش دەسلەپكى نەتىجە-ئۈنۈمگە ئېرىشكەن، سودىگەرلەرنىڭ مال ئەۋەتمەسلىك نىسبىتى بۇلتۇر 9-ئاينىڭ بېشىدىكى %10.17تىن %0.83كە تۆۋەنلىگەن. يېرىم يىلدا ئاپتونوم رايونىمىزدا كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر مىليونغا يېقىن يوللانما يەتكۈزۈلدى. دۆلەتلىك پوچتا ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسۇلى مۇنداق دېدى: ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشىشى نەتىجىسىدە، شىنجاڭدا توردىن مال سېتىۋېلىشتا «پوچتا ھەققىنى كۆتۈرمەسلىك، مال سالماسلىق» مەسىلىسى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى.

  شىنجاڭدا «پوچتا ھەققىنى كۆتۈرۈش» قانداق ئەمەلگە ئاشىدۇ؟

  يىغىپ توشۇش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، توشۇش، ئايرىش، يەتكۈزۈش قاتارلىق ھالقىلاردىكى بايلىقنى بىرىكتۈرۈپ، تېز يوللانمىلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، تىجارەت تەننەرخىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىش كېرەك.

  يىغىپ توشۇش ئەندىزىسى دېگەن نېمە؟

  ئەنئەنىۋى ئەشيا ئوبوروتى ئەندىزىسىدە، ھەربىر سودىگەر ياكى خېرىدار چىقارغان مال مۇستەقىل توشۇلۇپ، يۈك توشۇش مىقدارى چېچىلىپ، تەننەرخ ئېشىپ كېتىدۇ. يىغىپ توشۇش ئەندىزىسىدە نۇرغۇن كىچىك تۈركۈمدىكى ماللار مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، بىر مال تۈركۈمى شەكىللەندۈرۈلۈپ، ماللارنى مەركەزلەشتۈرۈپ توشۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

  قانداق قىلغاندا شىنجاڭنىڭ «پوچتا ھەققىنى كۆتۈرۈش»نى سىجىل داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ؟

  بىر تەرەپتىن، يەتكۈزۈش كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇل ئەسلىھەلىرىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىنى قوللاش؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئېلېكترونلۇق سودا سۇپىسىنىڭ شىنجاڭدا ئامبار قۇرۇشىغا ئىلھام بېرىپ، سىرتنىڭ ماللىرىنى شىنجاڭنىڭ ئۆزىدە ئەۋەتىشكە ئۆزگەرتىش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ