مۇھىم خەۋەرلەر

31 ئۆلكە ( ئاپتونوم رايون، شەھەر ) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى سانلىق مەلۇمات ئاپپاراتى قۇردى

2024.04.03 14:05 مەنبە: خەلق تورى

  تۇنجى قېتىملىق مەملىكەتلىك سانلىق مەلۇمات خىزمىتى يىغىنى 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. مۇخبىرنىڭ دۆلەت سانلىق مەلۇمات ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، جايلار ھازىر مۇناسىپ سانلىق مەلۇمات ئاپپاراتى قۇرۇشنى تاماملغان .

  ئالاقىدار مەسئۇل خادىم مەملىكەتلىك سانلىق مەلۇمات خىزمىتى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلەت سانلىق مەلۇمات ئىدارىسى بۇلتۇر 10-ئايدا رەسمىي ۋىۋىسكا ئېسىپ، رەقەملەشكەن تەرەققىيات ۋە سانلىق مەلۇمات كەسپىنى باشقۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالدى. جايلار ئۆز رايونىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈردى، 31 ئۆلكە ( ئاپتونوم رايون، شەھەر ) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ئاپپارات قۇرۇشنى تاماملىدى، بۇنىڭ ئىچىدە، مۇستەقىل تەسىس قىلىنغىنى 26 ئاپپارات، ۋىۋىسكا ئېسىلغىنى 6 ئاپپارات.

  بېيجىڭ قاتارلىق 21 رايون يەنە رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى سانلىق مەلۇمات خىزمىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ئاپپارات فۇنكسىيەسىنى ئاممىۋى سانلىق مەلۇمات ئىشلەپچىقىرىش ۋە يىغىش ھالقىسىغىچە كېڭەيتتى. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، تىك لىنىيەلىك بىرلەشمە ھەرىكەت قىلىدىغان، توغرا لىنىيەلىك ماسلىشىدىغان سانلىق مەلۇمات خىزمەت سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ