مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭ ئۈچ يىلدا 24 مىليون 860 مىڭ كىۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى ھازىر بار بولغان ئىمارەتلەرنى ئېنېرگىيە تېجەش بويىچە ئۆزگەرتىشنى تاماملىدى

2024.04.03 13:40 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىر ۋاڭ يايۈننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2021 - يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭ 24 مىليون 860 مىڭ كىۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى ھازىر بار بولغان ئىمارەتلەرنى ئېنېرگىيە تېجەش بويىچە ئۆزگەرتىشنى تاماملىغان، بۇنىڭ ئىچىدە تۇرالغۇ ئىمارەت 17 مىليون 730 مىڭ كىۋادرات مېتىر، ئاممىۋى ئىمارەت 7 مىليون 130 مىڭ كىۋادرات مېتىر.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى ساھەسىدە يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش، شەھەرلەرنى گۈزەللەشتۈرۈش، يورۇتۇش، شىمالدىكى رايونلاردا قىش پەسلىدە پاكىز ئېنېرگىيە ئارقىلىق ئىسسىنىش، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش قاتارلىق تۈرلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىلگىرى سېلىنغان ئىمارەتلەرنىڭ ئىقتىدارى، ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ئۆزگەرتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن يولغا قويدى. يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى سىجىل كۈچەيتىپ، «ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى ساھەسىدە كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈشنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى چىقىرىپ، «ئېنېرگىيە سەرپىياتى نۆلگە يېقىنلاشقان ئىمارەتلەرنىڭ تېخنىكا ئۆلچىمى» «ئاممىۋى ئىمارەتلەرنى ئېنېرگىيە تېجەش بويىچە لايىھەلەش ئۆلچىمى»نى تۈزۈپ بېسىپ تارقىتىپ، ئېنېرگىيە تېجەش ئۆلچەم سىستېمىسىنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈردى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېشىل ئىمارەت بەرپا قىلىش ھەرىكىتى كۈچلۈك يولغا قويۇلۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى يېڭىدىن سېلىنغان پۇقراۋى ئىمارەتلەردە يېشىل قۇرۇلۇش ئۆلچىمى ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىندى، يېڭىدىن سېلىنغان ئىمارەتلەرنىڭ %100ى يېشىل ئىمارەت ئاساسىي دەرىجىسىگە يەتتى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر يۇلتۇز دەرىجىلىك يېشىل ئىمارەت بەلگىسىنى بېكىتىش ۋە يۇلتۇز دەرىجىلىك يېشىل ئىمارەت بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇش تۈرى قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتتى. ئىمارەتلەردە ئېنېرگىيە ئىشلىتىش قۇرۇلمىسى سىجىل ئەلالاشتۇرۇلدى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قومۇل شەھىرى قاتارلىق يەتتە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردە كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش 1 - قارارلىق، 2 - قارارلىق قۇرۇلۇشى قانات يايدۇرۇلدى، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا شىمالدىكى رايونلاردا قىش پەسلىدە پاكىز ئېنېرگىيە ئارقىلىق ئىسسىنىش تۈرى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر مۇتەللىپ ئەلى مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇنىڭدىن كېيىن، شىنجاڭ «بىر چەمبەر، بىر بەلباغ، بىر توپ» شەھەر توپىنى يېشىل تەرەققىي قىلدۇرۇش، گۈزەل شەھەر - بازار قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، گۈزەل، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇش شەكلىنى تەشەببۇس قىلىش قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى چۆرىدەپ، شەھەرلەرنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق مەھەللە بەرپا قىلىپ، ئىمارەتلەرنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شەھەر قۇرۇلۇشىدا ئېنېرگىيە ئىشلىتىش قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ بىناكارلىق ساھەسىدە كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ