مۇھىم خەۋەرلەر

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، يېڭىدىن ماقۇللانغان تۆت نىزامغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى

2024.04.03 13:37 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، يېڭىدىن ماقۇللانغان تۆت نىزامغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى

  مۇخبىر جاڭ لېي خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9 - يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللانغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى نىزامى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى قوغداش نىزامى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىجتىمائىي ئىناۋەت نىزامى» ۋە يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دېھقانچىلىق ئېتىزلىرىدا سولياۋ يوپۇق ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش نىزامى»دىن ئىبارەت تۆت نىزامنىڭ مەقسىتى، ئەھمىيىتى، ئالاھىدە يارقىن نۇقتىلىرى قاتارلىقلار توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلدى.

  بۇ قېتىمقى مۇخبىرلار يىغىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تۇنجى قېتىم دائىمىي كومىتېت يىغىنىدىن كېيىن، ماقۇللانغان نىزاملار توغرىسىدا بىرىنچى ۋاقىتتا مەخسۇس تېمىلىق مۇخبىرلار يىغىنى ئېچىشى ھېسابلىنىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دۇڭ يېلىن مۇنداق بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن بۇ تۈرلۈك خىزمەت دائىملىق قانات يايدۇرۇلىدۇ. «بۇ، قانۇنچىللىق تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش، نىزاملارنىڭ ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشى ئۈچۈن ياخشى قانۇنچىللىق مۇھىتى يارىتىش، نىزام چىقىرىش پۈتكۈل زەنجىرىدە پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشتىكى مۇھىم تەدبىر» دېدى ئۇ.

  «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى نىزامى» جەمئىي توققۇز باب، 56 ماددا بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا «ئومۇمىي پىرىنسىپ» «جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى مۇلازىمىتى» «جۇڭيى دورىلىرىنى قوغداش ۋە كەسىپ تەرەققىياتى» «جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش» «جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش» «جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى مەدەنىيىتىنى تارقىتىش ۋە ئالماشتۇرۇش» «كاپالەت تەدبىرى» «قانۇن جاۋابكارلىقى» «قوشۇمچە پىرىنسىپ»تىن ئىبارەت، «نىزام» شىنجاڭنىڭ جۇڭيىچە داۋالاش بايلىقىنى تەقسىملەش، جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە ئىلھام بېرىش، جۇڭيى دورىلىرى بايلىقىنى قوغداشنى كۈچەيتىش ئومۇميۈزلۈك قېلىپلاشتۇرۇلدى. بۇ «نىزام» شىنجاڭنىڭ جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكىدە توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىش، ۋارىسلىق قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنىڭ ئۆزئارا تولۇقلىشى، ماس تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساغلام شىنجاڭ ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. «نىزام» بۇ يىل 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى قوغداش نىزامى» جەمئىي بەش باب، 30 ماددا، «ئومۇمىي پىرىنسىپ» «پىلانلاش ۋە قوغداش» «ۋارىسلىق قىلىش ۋە پايدىلىنىش» «قانۇن جاۋابكارلىقى» «قوشۇمچە پىرىنسىپ»قا بۆلۈنگەن بولۇپ، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. «نىزام»دا قەدىمىي شەھەر تارىخىي مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىي لىنىيەسى سىڭدۈرۈلۈپ، قوغداش پىرىنسىپى ۋە قوغداش خىزمىتىدىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيەت ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، قوغداش مەسئۇلىيىتى قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، قوغداشتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، بىخەتەرلىكنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەر نامايان قىلىندى. «نىزام» بۇ يىل 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىجتىمائىي ئىناۋەت نىزامى» جەمئىي يەتتە باب، 51 ماددا بولۇپ، ئاساسلىقى ئىجتىمائىي ئىناۋەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي ئىناۋەت ئۇچۇرلىرىنى باشقۇرۇش، ئىجتىمائىي ئىناۋەت ئۇچۇرلىرىنى قوللىنىش، ئىجتىمائىي ئىناۋەت ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «نىزام»دا يەرلىك نىزام چىقىرىشنىڭ ئىجتىمائىي ئىناۋەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا بولغان يېتەكچىلىك، قېلىپلاشتۇرۇش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلغان، ئۇ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئىناۋەت سىستېمىسىنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئىناۋەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىناۋەت ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. «نىزام» بۇ يىل 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دېھقانچىلىق ئېتىزلىرىدا سولياۋ يوپۇق ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش نىزامى» جەمئىي 26 ماددا بولۇپ، ئاساسلىقى ھۆكۈمەت ۋە ساھە مەسئۇل تارماقلىرىنىڭ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، دېھقانچىلىق ئېتىزلىرىدا ئىشلىتىلىدىغان سولياۋ يوپۇقنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، ئىشلىتىش، يىغىۋېلىش، قايتا پايدىلىنىش قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلاردىكى مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى، يىغىۋېلىپ پايدىلىنىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش ھەم نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش قاتارلىق مەزمۇنلارغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلدى، بۇ قېتىمقى ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشتىكى يارقىن نۇقتا ئاساسلىقى دېھقانچىلىق ئېتىزلىرىدا ئىشلىتىلىدىغان سولياۋ يوپۇقنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىگە قاتتىق چەك قويۇش، ھۆكۈمەت ھەم ساھە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، پۈتۈن زەنجىرنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش خىزمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ھەم ھەرقايسى ھالقىلاردىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، يىغىۋېلىپ پايدىلىنىش سىستېمىسىنى ئورنىتىش ۋە تاكامۇللاشتۇرۇش ھەم سولياۋ يوپۇق قالدۇقلىرىنى زىيانسىزلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت تۆت جەھەتتە ئىپادىلەندى. «نىزام»نىڭ يولغا قويۇلۇشى شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق ئېتىزلىرىدا سولياۋ يوپۇق ئىشلىتىشنى باشقۇرۇشنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ دائىرىلىك مەنبەدىن بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش، يېزا ئىگىلىك ئېكولوگىيە - مۇھىتىنى قوغداپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يېشىل، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. «نىزام» بۇ يىل 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ