مۇھىم خەۋەرلەر

روزا ھېيتتا شىنجاڭدىكى ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرى ھەقسىز يول يۈرسە بولىدۇ

2024.04.03 13:35 مەنبە: تىيانشان تورى

  4-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى تور بېكىتىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 4-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 00:00دىن 24:00كىچە، شىنجاڭ مەمۇرىي رايونى ئىچىدىكى ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا يەتتە كىشىلىكتىن تۆۋەن (يەتتە كىشىلىكنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىدىن يول يۈرۈش ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ 2024-يىللىق بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 4-ئاينىڭ 10-كۈنى روزا ھېيت بولۇپ، بىر كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى يول تورىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش-بىر تەرەپ قىلىش مەركىزى مۇنداق ئەسكەرتتى: روزا ھېيت كۈنى، ئۆلكە ئاتلاپ سەپەرگە چىقىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، شىنجاڭدىن گەنسۇ ئۆلكىسىگە بارىدىغان بېيجىڭ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى G7 لىنىيەسى يېپىق شەكىلدىكى ھەق ئېلىنىدىغان تاشيول بولۇپ، روزا ھېيتتا ھەقسىز يول يۈرۈش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرى شىنجاڭدىن چىققاندا، بەيشەنچۈەن باغلىما يول ھەق ئېلىش پونكىتىدىن چىقىپ، ئاندىن يەنە بەيشەنچۈەن باغلىما يول ھەق ئېلىش پونكىتىدىن قايتا كىرسە، شىنجاڭنىڭ مەمۇرىي رايونى ئىچىدىكى G7 لىنىيەسى بۆلىكىدىكى يول يۈرۈش ھەققى تۆۋەنلىتىلىدۇ، كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؛ ئەگەر G7 لىنىيەسى يول بۆلىكى ئارقىلىق باشقا ئۆلكە يول بۆلىكىگە بىۋاسىتە كىرسە، شىنجاڭنىڭ مەمۇرىي رايونى ئىچىدىكى G7 لىنىيەسى بۆلىكىدە يول يۈرۈش ھەققىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولغىلى بولمايدۇ.

  شىنجاڭدىن چىڭخەي ئۆلكىسىگە بارىدىغان يېتىمبۇلاق ـ چاقىلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى G0612 لىنىيەسى يېپىق شەكىلدىكى ھەق ئېلىنىدىغان تاشيول بولۇپ، شىنجاڭدىن چىققاندىن كېيىن داۋاملىق يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا يۈرۈشنى تاللاشقا توغرا كەلسە، يېتىمبۇلاق ھەق ئېلىش پونكىتىدىن چىقىپ، ئاندىن يەنە يېتىمبۇلاق ھەق ئېلىش پونكىتىدىن قايتا كىرسە، شىنجاڭ مەمۇرىي رايونى ئىچىدىكى G0612 لىنىيەسى بۆلىكىدە يول يۈرۈش ھەققىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىدىن ئەڭ زور دەرىجىدە بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى يول تورىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش-بىر تەرەپ قىلىش مەركىزىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 4-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى روزا ھېيت كۈنى ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلەرنى يوقلاش، قىسقا مۇساپىلىك ساياھەتكە چىقىشنىڭ سەپەرگە چىقىش يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە قىسقا مۇساپىلىك ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەتكە چىقىدىغانلارنىڭ قاتناش ئېقىم مىقدارى سەل كۆپىيىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، سەپەرگە چىقىش يۇقىرى پەللىسى ۋاقىت بۆلىكى شۇ كۈنى سائەت 10دا باشلىنىدىكەن، شۇ كۈنى سائەت 18دىن 21گىچە قايتىش يۇقىرى پەللىسى بولىدىكەن.

  ئىلگىرىكى يىللاردىكى روزا ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى تاشيول تورىنىڭ يۈرۈشۈشىنى كۆزىتىش-ئۆلچەش سانلىق مەلۇماتىغا بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلغاندا، روزا ھېيت كۈنى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دۆلەت، ئۆلكە غول لىنىيە تاشيوللىرىدىكى قاتناش ئومۇمىي مىقدارىنىڭ تەخمىنەن 2 مىليون 770 مىڭغا يېتىپ، 2023-يىلىدىكى روزا ھېيت مەزگىلىدىكىدىن كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %12 ئەتراپىدا ئېشىشى مۆلچەرلەنگەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ