مۇھىم خەۋەرلەر

ئالدىنقى ئىككى ئايدا شىنجاڭدا سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارى 18 مىليارد 200 مىليون كىلوۋات سائەتتىن ئاشتى

2024.04.02 13:38 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئېيىدا، شىنجاڭدا سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارى 18 مىليارد 249 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، كۈندىلىك سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارى 304 مىليون كىلوۋات سائەت بولغان، بۇ، 100 مىليون ئادەمنىڭ 78 كۈن ئىشلىتىشىگە يېتىدىكەن.

  ئالدىنقى ئىككى ئايدا، سىرتقا يەتكۈزۈلگەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك توك مىقدارى 5 مىليارد 34 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، سىرتقا يەتكۈزۈلگەن ئومۇمىي توك مىقدارىنىڭ %30كە يېقىنىنى ئىگىلەيدۇ. بۇ سىرتقا يەتكۈزۈلگەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك توك مىقدارى 1 مىليون 522 مىڭ 800 توننا ئۆلچەملىك كۆمۈرنى ئاز كۆيدۈرگەنگە، 4 مىليون 111 مىڭ 500 توننا كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى، 12 مىڭ 900 توننا گۈڭگۈرت (Ⅳ) ئوكسىدى، 12 مىڭ 300 توننا ئازوت ئوكسىدىنى ئاز قويۇپ بەرگەنگە باراۋەر.

  سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارى ئىچىدە، شىنجاڭدىكى ئىككى ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توكنى سىرتقا يەتكۈزۈش يولى ئاساسىي تومۇرلۇق رولىنى جارى قىلدۇردى. ئالدىنقى ئىككى ئايدا، سانجى − گۇچۈەن 1100± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىمىلىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى بويىچە سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارى 9 مىليارد 196 مىليون كىلوۋات سائەت، قومۇلنىڭ جەنۇبى − جېڭجوۋ 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى بويىچە سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارى 7 مىليارد 68 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، سىرتقا يەتكۈزۈلگەن ئومۇمىي توك مىقدارىنىڭ جەمئىي %90ىنى ئىگىلىدى.

  توك يەتكۈزۈلگەن ئۆلكىلەر ئىچىدە، شىنجاڭنىڭ سىرتقا يەتكۈزگەن توك مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغىنى خېنەن، ئەنخۇي، جياڭسۇ، جېجياڭدىن ئىبارەت تۆت ئۆلكە بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا 7 مىليارد 206 مىليون كىلوۋات سائەت، 4 مىليارد 714 مىليون كىلوۋات سائەت، 2 مىليارد 168 مىليون كىلوۋات سائەت، 2 مىليارد 138 مىليون كىلوۋات سائەت بولدى، بۇ، شىنجاڭنىڭ سىرتقا يەتكۈزگەن ئومۇمىي توك مىقدارىنىڭ %88.91ىنى ئىگىلىدى.

  شىنجاڭ دۆلەتنىڭ چوڭ تىپتىكى پاكىز ئېنېرگىيە بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېڭى ئېنېرگىيەنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان يېڭىچە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى سىجىل تېزلىتىپ، چوڭ تىپتىكى شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت بازىسى، چوڭ - چوڭ سۇ ئېلېكتىر تۈرلىرى ۋە سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى ئېنېرگىيە تەرەققىياتىدا يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇردى. 2 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 66 مىليون 70 مىڭ كىلوۋاتقا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە، شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 34 مىليون 540 مىڭ كىلوۋات، يورۇقلۇق ۋولت گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 31 مىليون 530 مىڭ كىلوۋات بولۇپ، ئېلېكتىر تورى ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىنىڭ %49.3ىنى ئىگىلىدى.

  يېڭى ئېنېرگىيەنى «چىقىرىش» «يەتكۈزۈش» «ياخشى ئىشلىتىش» ئۈچۈن، شىنجاڭ سىرتقا يەتكۈزۈش يوللىرىنى ئۈزلۈكسىز راۋانلاشتۇردى، نۆۋەتتە شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش ئىقتىدارى 25 مىليون كىلوۋاتقا يەتتى. 2023 - يىلى، قۇرۇلۇپ بولغان سىرتقا يەتكۈزۈش يوللىرى ئاساسىدا، شىنجاڭدا يەنە قومۇل − چۇڭچىڭ 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى. قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش ئىقتىدارى 33 مىليون كىلوۋاتقا يېتىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ