مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭ: ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ جۇڭگو تېبابىتى داۋالاش ئاپپاراتى قۇرۇشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ

2024.04.02 13:23 مەنبە: خەلق تورى

  «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى نىزامى» 3-ئاينىڭ 31-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9-يىغىنىدا ماقۇللاندى، 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. «نىزام»دا ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ جۇڭگو تېبابىتى داۋالاش ئاپپاراتى قۇرۇشىغا ياكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا جۇڭگو تېبابىتى كىلىنىكا بۆلۈمى، جۇڭگو تېبابىتى دورىخانىسى تەسىس قىلىشىغا ئىلھام بېرىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئىجتىمائىي كۈچلەر ئاچقان جۇڭگو تېبابىتى ئامبۇلاتورىيەلىرى ۋە ئەنئەنىۋى جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى مۇلازىمىتىلا قىلىدىغان جۇڭگو تېبابىتى ئامبۇلاتورىيەلىرى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلىش، پىلانلاش، ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.

  ئىجتىمائىي كۈچلەر قۇرغان جۇڭگو تېبابىتى داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئىجازەت بېرىش، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش، دەرىجە باھالاش، ئاممىۋى ساغلاملىق، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، پەن تەتقىقات ئوقۇتۇشى، تېببىي خادىملارنىڭ ئۇنۋانىنى باھالاش ۋە داۋاملاشما مائارىپ قاتارلىق جەھەتلەردە ھۆكۈمەت قۇرغان جۇڭگو تېبابىتى داۋالاش ئاپپاراتلىرى بىلەن ئوخشاش ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ