مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭ 2- نۆۋەتلىك ئەتىيازلىق يېشىل، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئائىلە بېزەكچىلىكى بايرىمى باشلاندى

2024.03.12 16:03 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  3- ئاينىڭ 9- كۈنى، 2024- يىللىق شىنجاڭ 2- نۆۋەتلىك ئەتىيازلىق يېشىل، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئائىلە بېزەكچىلىكى بايرىمى يىغىن- كۆرگەزمە مەركىزى ئۈرۈمچى شەھىرى ۋۇيۆ مەيدانىدا باشلاندى.

  بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىدارىسى يېتەكچىلىك قىلغان، شىنجاڭ ۋوجياديەنچى باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتى، خەيئېرجىجيا شىنجاڭ شۆبە شىركىتى، ئۆي جاھازلىرى، ئائىلە بېزەكچىلىكى كارخانىلىرى قاتارلىقلار بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر، شىخەنزە قاتارلىق جايلاردا ماس قەدەمدە قانات يايدۇرۇلغان، بۇ پائالىيەت 5- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ.

  پائالىيەت مەزگىلىدە ھەرقايسى داڭلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى سودىگەرلىرى 25 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ئىستېمال ياردەم تولۇقلىمىسى ۋە كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسىنى قانات يايدۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات، ئەلا مۇلازىمەت، ئېتىبار باھانى مەركەزلىك يولغا قويۇپ، ئۆي جاھازلىرى ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، بىخەتەر، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان، ساغلام ئايلىنىدىغان، كۆپ مەنبەلىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىغا بولغان دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن ئىستېمال ئېھتىياجىنى ئومۇميۈزلۈك قاندۇرىدۇ.

  3- ئاي كىرىشى بىلەن ئائىلە بېزەكچىلىكى بازىرىمۇ ئاۋات مەزگىلگە كىردى. تۈرلۈك ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسەتلىرى گىرەلىشىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى يېڭى مەھسۇلاتلار بازارغا سېلىندى، شىنجاڭنىڭ 2- نۆۋەتلىك ئەتىيازلىق يېشىل، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئائىلە بېزەكچىلىكى بايرىمى باشلىنىپ، يېشىل، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچى يەنىمۇ قويۇپ بېرىلىپ، تور سىرتىدىكى ئىستېمال بازىرىنىڭ تېز گۈللىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىندى.

  شىنجاڭ ۋوجياديەنچى باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى دېڭ يەن مۇنداق دېدى: پۈتۈن شىنجاڭدىكى 50 نەچچە سېتىش دۇكىنىغا تايىنىپ، ئىستېمالچىلارنى پۈتۈن يۈرۈش ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىدا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 5000 يۈەن ياردەم تولۇقلىمىسى، كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشتا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 3000 يۈەن ياردەم تولۇقلىمىسى ۋە 200 يۈەنلىك ماي قاچىلاش بېلىتى بىلەن تەمىنلەيمىز.

  ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىنىڭ 2- دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى جاڭ يۈمىن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە يېشىل، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆي جاھازىلىرى تاۋارلىرىنىڭ ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچى يەنىمۇ قويۇپ بېرىلىپ، تور سىرتىدىكى ئىستېمال بازىرىنىڭ تېز گۈللىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىنىدۇ. كېيىنكى قەدەمدە ھەر دەرىجىلىك سودا تارماقلىرى نۇقتىلىق سودا كارخانىلىرىنى سىستېمىلىق تەشكىللەپ، پۈتۈن شىنجاڭدا «شىنجاڭدا ئېتىبار بېرىش، تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلىنىش» بويىچە ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش يىلى يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، سىياسەت ئارقىلىق يېتەكلەش، پۇل مۇئامىلىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار ئارقىلىق «ھۆكۈمەت- بانكا- كارخانا» ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بايلىقىنى مۇجەسسەملەپ، ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئۆي جاھازلىرى، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار، كۈندىلىك تۈرلۈك ماللار، يېمەك- ئىچمەك، مەززىلىك تائاملار قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، پۈتۈن يىلغا سىڭدۈرۈلگەن ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ