مۇھىم خەۋەرلەر

بۇ ياردەم تولۇقلىمىسىنى ئىلتىماس قىلىش ۋاقتى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى ئاخىرلىشىدۇ

2024.03.12 15:55 مەنبە: خەلق تورى

  3-ئاينىڭ 11-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئۆي-مۈلۈك ھوقۇقى سودا مەركىزىنىڭ ئۈندىدار سالونى «2023ـ يىلى يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆي يەر خېتى بېجى مالىيە ياردەم تولۇقلىمىسى ئىلتىماس قىلىش ئاخىرلىشىش ۋاقتى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»

  2023ـ يىلى يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆي يەر خېتى بېجى مالىيە ياردەم تولۇقلىمىسى ئىلتىماس قىلىش ئاخىرلىشىش ۋاقتى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسى 2022-يىل 12ـ ئايدا تارقاتقان «ئۆي-زېمىن ئىشلىرىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى 22 تۈرلۈك تەدبىرى»گە ئاساسەن، 2023-يىلى تۇنجى قېتىم مەزكۇر شەھەرگە قاراشلىق رايون دائىرىسىدىكى كۆلىمى 130 كىۋادرات مېتىر ( ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) دائىرىسىدىكى يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆينى سېتىۋالغان بولسا، باج قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە يەر خېتى بېجى تاپشۇرغان ھەمدە باج تارمىقى چىقىرىپ بەرگەن يەر خېتى بېجىنى تۈگىتىش دوكۇمېنتىغا ئېرىشكەن باج تاپشۇرغۇچىغا يەر خېتى بېجى سوممىسىنىڭ %50ى مالىيە مەبلىغىدىن ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ. يۇقىرىقى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۆي سېتىۋالغۇچىلار چوقۇم «ئەمىن ئۆي گۇاڭشا» ئۈندىدار ئەپچىقىدا ئىلتىماس قىلىشى كېرەك، ئىلتىماس قىلىش ۋاقتى 2024-يىل 3-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولىدۇ، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە قوبۇل قىلىنمايدۇ.

  مەسلىھەت سوراش تېلېفونى: 0991-3091655

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ كاپالىتى ۋە ئۆي مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسى

  2024 يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى

  ئىلتىماس قىلىش كونكرېت تەرتىپى ۋە شەرتىنى «ئەمىن ئۆي گۇاڭشا» ئۈندىدار ئەپچىقىغا كىرىپ تەكشۈرسە بولىدۇ، بۇ ياردەم تولۇقلىمىسىنىڭ ئىلتىماس قىلىش ۋاقتى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى ئاخىرلىشىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ