مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، «ئىككى ئالىي مەھكىمە»نىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە ئالاقىدار قارار لايىھەسىنى قاراپ چىقتى

2024.03.12 10:01 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى داۋاملىق قاراپ چىقتى؛ گۇرۇپپا يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، يىللىق پىلان، يىللىق خامچوت توغرىسىدىكى ئۈچ قارار لايىھەسىنى قاراپ چىقتى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، شەۋكەت ئىمىن، لى يىفېي قاراپ چىقىشقا قاتناشتى.

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى خې شياۋرۇڭ، «ئىككى ئالىي مەھكىمە» ۋە يىغىن كاتىبات باشقارمىسىدىكى ئالاقىدار يولداشلار يىغىنغا كېلىپ پىكىرلەرنى ئاڭلىدى.

  ئىلگىرىكى قاراپ چىقىش ئاساسىدا، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى قىسمەن ۋەكىللەر سۆز قىلدى، ئۈچ دوكلاتنى چۆرىدەپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇزاكىرە قىلدى. كۆپچىلىك مۇنداق قارىدى: 2023 - يىلى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان تۇنجى يىل. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى چۆرىدەپ قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى پائال ئەمەلدە كۆرسىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەت ئالىي ھاكىمىيەت ئورگىنىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى. بىر يىلدىن بۇيان، دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش سۈپىتى سىجىل ئۆستى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسى تېخىمۇ ئىلمىي، مۇكەممەل، بىرلىككە كەلگەن، نوپۇزلۇق بولۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى نازارەتچىلىك خىزمىتىنىڭ قاراتمىلىقى، ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، ۋەكىللەر خىزمىتى مېخانىزمى يەنىمۇ مۇكەممەللىشىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجىلەر نامايان بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

  ۋەكىللەر مۇنداق بىلدۈردى: ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تېخىمۇ قەتئىي ھالدا يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىگە ئاڭلىق مۇلازىمەت قىلىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، قانۇننى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈشنى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك، ئۈنۈملۈك قانۇن يۈرگۈزۈش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىپ، بىر پارچە ئەلا قانۇنچىللىق جاۋاب قەغىزى تاپشۇردى. بولۇپمۇ «ئىككى ئالىي مەھكىمە»نىڭ خىزمەت دوكلاتىدا جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق نۇقتا دېلولىرىغا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، خەلقنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان نۇقتىلىق تېمىلارغا پائال ئىنكاس قايتۇرۇلۇپ، «ئەگەر مەن دەۋا قىلسام» دېگەن قانۇن يۈرگۈزۈش ئىدىيەسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ يۈكسەك باھاسىغا ئېرىشتى.

  ۋەكىللەر مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇشقا تېخىمۇ ئېھتىياجلىق، قانۇنچىللىقنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كەلگۈسىگە نەپ يەتكۈزۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا تېخىمۇ ئېھتىياجلىق. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى كۈچەيتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە باشتىن - ئاخىر ياخشى چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياخشى يۈرگۈزۈپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇنچىل شىنجاڭ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەت قۇرۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ئۇسۇلىدىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىپ، جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى قوغداشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، تىرىشىپ ھەربىر قانۇن يۈرگۈزۈش دېلوسىدا ھەر مىللەت ئاممىغا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرۇپ، ياخشى قانۇنچىللىق مۇھىتى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشقا مۇلازىمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ۋەكىللەر ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، يىللىق پىلان، يىللىق خامچوت توغرىسىدىكى ئۈچ قارار لايىھەسىنى بىردەك قۇۋۋەتلىدى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن لى شيەنفا، چېن ۋېيجۈن، سارقىت ئاقان، ۋاڭ مىڭشەن، مەمتىمىن قادىر، شۆ بىن، جىن جىجېن، باتۇ، دىلشات سايىم، گاۋ جىمىڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. جياڭ شىنجۈن، دۇ خۇڭيەن قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ