مۇھىم خەۋەرلەر

قاقاسلىقنى كۆكەرتىش، قۇمنى ئالتۇنغا ئايلاندۇرۇش

تۈمەنلىگەن كۆچەت تەكلىماكان قۇملۇقىنى «قورشىدى»

2024.03.08 15:08 مەنبە: خەلق تورى

  تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ شەرقىي شىمال گىرۋىكىگە جايلاشقان بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ لوپنۇر ناھىيەسىدىكى «ئۈچ شىمال» ئىھاتە ئورمىنىدا كۆچەت يېتىشتۈرۈش خىزمىتى ئومومىيۈزلۈك قانات يايدۇرۇلماقتا.بايىنغولىن ئوبلاستى لوپنۇر ناھىيەسى ئىتتىپاق بازىرىدىكى كۆچەت يېتىشتۈرۈش پارنىكىدا خىزمەتچىلەر 6 مىليون تۈپتىن ئارتۇق تۇخۇمەك كۆچىتى ۋە قارىياغاچ كۆچىتىنى ئوتاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. بۇ شۇ جايدا تۇنجى قېتىم كەڭ كۆلەمدە يېتىشتۈرۈلگەن توغراق ۋە شىنجاڭ تېرىكىدىن باشقا ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈم ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئىگە كۆچەت ھېسابلىنىدۇ.

  بايىنغولىن ئوبلاستى لوپنۇر ناھىيەلىك تەبىئەت ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مايسا يېتىشتۈرۈش پارنىكىدا، بىر ئاي بۇرۇن تېرىلغان لوپنۇر كەندىرى ئارقا-ئارقىدىن ئۈنۈپ چىقتى، مايسا يېتىشتۈرگۈچىلەر لوپنۇر كەندىرىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەچ تولۇقلاپ تېرىدى.ھازىر لوپنۇر ناھىيەسىدە 1 مىليون 600 مىڭ مو لوپنۇر كەندىرى تارقالغان بولۇپ، كۆرۈنەرلىك ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈمگە ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە دورا، چاي ئىشلەش قاتارلىق ئىقتىسادىي قىممەتكە ئىگە.«14-بەش يىللىق پىلان» يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، لوپنۇر ناھىيەسى «ئۈچ شىمال» ئىھاتە ئورمىنى سىستېمىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق تۈرلەرگە تايىنىپ قۇملىشىپ كەتكەن 865 مىڭ 800 مو يەرنى تۈزەپ، شۇ جاينىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى زور كۈچ بىلەن ياخشىلىدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ